ئىس - تۈتەك
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىن بۇيان بېلگىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىس - تۈتەك ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ناھايىتى زور زىيان پەيدا قىلدى.20
- ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن ئىلگىرى دۇنيادا سەككىز چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەت ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىس - تۈتەك ۋەقەسى بەش قېتىمنى ئىگىلىدى، ۋەقەدە ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ بولدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى ئەنگلىيىنىڭ لوندون ئىس - تۈتەك ۋەقەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس فوتو خىمىيىلىك ئىس - تۈتەك ۋەقەسى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئىككى تۈردىكى تۇمانغا ۋەكىللىـك قىلىدۇ. لوندوندىكىسى ئاساسلىقى گۈڭگۈرت ئوكسىدلار پەيدا قىلغان ئوكسىدسىزلىنىش خاراكتېرلىك ئىس - تۈتەك؛ لوس - ئانژېلېستىكىسى پېروكسىد ۋە ئوزون پەيدا قىلغان ئوكسىدلاش خاراكتېرىدىكى ئىس - تۈتەك.
ئاتموسفېرا بۇلغانمىلىرى مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك ۋە مېتېئورولوگىيىلىك شارائىتلاردا بەلگىلىك رايونغا توپلىشىدۇ. لوندوندىكى ئىس - تۈتەك ۋەقەسى مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. لوندون2000 يىلدىـن ئارتۇق تارىخقا ئىگە چوڭ شەھەر بولۇپ، تېمزا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكـى كەڭ دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان.1952 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنىدىن8 - كۈنىگىچە لوندوننىڭ يەر يۈزىدە شامال چىقمىغان، بۇ ۋاقىت زىمىستان قىش پەسلىگە توغرا كەلگەچكە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. نەم ۋە ئېغىر ھاۋا لوندون بوشلۇقىنى باسقاچقا، بۇ شەھەر ئۇدا نەچچە كۈن قويۇق تۇمان ئىچىدە قېلىپ، كۈن نۇرىنى كۆرگىلى بولمىغان، ئەمما نەچچە مىڭلىغان تۇرخۇندىن ھاۋاغا بۇرۇنقىدەكلا قارا ئىس چىقىپ تۇرغان، چاڭ - توزان دانچىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن10 ھەسسە كۆپەيگەن، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىـدنـىـڭ قويۇقلۇقى ئادەتتىكـى ۋاقىتلاردىكىنىڭ6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئىس - تۈتەكتىكى تـۆمـۈر (Ⅲ) ئوكسىد بىلەن گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ئوكسىدلىنىپ، كىسلاتا كۆپـۈكـى ھاسىـل قىلغان ھەمدە ئىس - تۈتەك ۋە تـوزانلار ئۈسـتـىـدە قـېـتـىـپ كـىـسلاتـالـىـق تـۇمـانـنـى شەكىللەندۈرگەن. تۆت كۈندە4000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. كېيىنكـى ئىككى ئاي ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن8000 غا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، تۇماننىڭ سـەۋەبـى ئېنىقلانمىغانلىقتىن، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبـىـرلىرىنى قـوللانـغـىـلـى بولمىغان. لوندوندا1957 - يىلى ۋە1962 - يىلى يەنە ئىس - تۈتەك ۋەقـەسـى يـۈز بەرگەن.1962 - يىلى ئەنگلىيە دائىرىلىرى1952 - يىلىدىكى بىـلـەن1962 - يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق ئىس - تۈتەك ۋەقەسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئاندىن ئىس - تۈتەكنىڭ پـەيـدا بولۇش سەۋەبىنى تېپىپ چىققان.
فوتو خىمىيىلىك ئىس - تۈتەك ئاتموسفېرادىكى بۇلغانمىلارنىڭ مۇرەككەپ فـوتـو خىمىيىلىك رېئاكسىيىسى ئارقىلىق مۇئەييەن جۇغراپىيە، مېتېئورولوگىيە شارائىتىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك قۇياش نۇرى، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئازوت ئوكسىدلىرى، ھىدروكاربونلار ھەمدە بۇلغانمىنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىسىز جۇغراپىيە، مېتېئورولوگىيە شارائىتى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە يۇقىرىقى ئۈچ شەرت ھازىرلانغانلىقتىن، ئۇ جايدا فوتو خىمىيىلىك ئىس - تۈتەك پەيدا بولغان. لوس - ئانژېلېس − ئامېرىكىدىكى بىر سانائەت شەھىـرى. ئۇ دېڭىزغا يېقىن، ئەتراپى تاغلىق بولۇپ،50 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئويمانلىققا جايلاشقان.20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا لوس - ئانژېلېستا بىر خىل سۇس كۆك رەڭلىك ئىس - تۈتەك پەيدا بولغان. بۇ خىل ئىس - تۈتەك بەزىدە ئۇدا نەچچە كۈنگىچە تارقالمىغان. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېكىردىكى ياللۇغلانغان، كۆزى، بۇرنى ئېچىشقان، ئۇلاردا يەنە باش ئاغرىش، قەي قىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلـگەن. ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىـش ئارقـىـلـىـق1951 - يىلىغا كەلگەندىلا، بۇ خىل ئىس - تۈتەكنى ئاپتوموبىل قالدۇق گازى پەيدا قىلغانلىقى بايقالغان، ئەينى چاغدا، لوس - ئانژېلېستا2 مىليون500 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، كۈنىگە16 مىڭ لىتىر بېنزىن سەرپ قىلىنغان. بـۇ ئاپتوموبىللار كۆپلەپ ئازوت ئوكسىدلار، ھىدروكاربونلار، كاربون (Ⅱ) ئوكسىدنى قويۇپ بەرگەن. لوس - ئانژېلېسنىڭ ياز پەسلى ۋە باش كۈز پەسلىدە قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاپتوموبىل قالدۇق گازى قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرى بىلەن فوتو خىمىيىلىك رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىپ، ئوزوننى ئاساس قىلغان فوتو خىمىيىلىك ئىس - تۈتەكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئىس - تۈتەكتە ئادەمنىڭ كۆزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، كېكىردىكى ئاغرىيدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدۇ، پۇت - قولى تارتىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇزاق مۇددەت ئۇچرىغاندا، ئارتېرىيە قېتىشىش، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئاپتوموبىل مەركەزلەشكەنلىكى شەھەرلەردە، فوتو خىمىيىلىك ئىس - تۈتەك تەھدىتى مەۋجۇت، يەنە كېلىپ، ئۇنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىمۇ كەمچىل