پارنىك ئېففېكتى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
پارنىك ئېففېكتى، ئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە كىسلاتالىق يامغۇر ھازىرقى دۇنياۋى ئۈچ چوڭ مۇھىت مەسىلىسى.
پارنىك ئېففېكتى دېگىنىمىز، قۇياش قىسقا دولقۇن رادىئاتسىيىسىنىڭ ئاتموسفېرادىن ئۆتۈپ يەرگە چۈشۈشى، يەر يۈزى ئىللىغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇزۇن دولقۇن رادىئاتسىيىسىنىڭ ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق ماددىلار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈشى، شـۇ تۈپەيلى ئاتموسفېرانىڭ ئىللىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئېفـفېكـتنى كۆرسىتىدۇ. ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بەئەينى قاتمۇقات ئەينەككە ئوخشاپ يەر شارىنى چوڭ پارنىكقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ئاتموسفېرا بولمىغاندا يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃23 − قا تۆۋەنلەيدىكەن، ھالبۇكى، يەر يۈزىنىڭ ئەمەلىي ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى
℃ 15 بولىدىكەن، دېمەك، پارنىك ئېففېكتى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى ℃38 ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.
كاربون (Ⅳ) ئوكسىدتىن باشقا پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان گازلاردىن يەنە مېتان، ئوزون، خلور - فتورلۇق ھىدروكاربون ھەمدە سۇ پارى قاتارلىقلار بار. ئاھالىنىڭ جىددىي كۆپىيىشى، سانائەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغـان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدمۇ مۇناسىپ كۆپىيىدۇ؛ ئورمان كۆپلەپ كېسىلگەچكە، ئورمان تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىـدىـغـان كاربـون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرۈلمەيدۇ. نەتىجىدە، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، پارنىك ئېففېكتىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ. تەھلىللەرگە قارىغاندا، ئۆتكەنكى200 يىل ئىچىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى %25 ئېشىپ، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 5 .0 ئۆرلىگەن.21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يەر شارى يۈزى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 5 .1 ~℃ 5 .4 ئۆرلىشى مۇمكىن، ئوتتۇرا - يۇقىرى كەڭلىكتىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا تېخىمۇ كۆپرەك ئۆرلىشى ئېھتىمال.
پارنىك ئېففېكتى ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئالدى بىلەن، تەبىئىـي ئېكولوگىيىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. چۆللىشىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، تۇپراقنىڭ يىمىرىلىشى ئېغىرلىشىدۇ، ئورماننىڭ چېكىنىشى چېكىگە يېتىدۇ، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپىتى كۈچىيىدۇ، يامغۇر مىقدارى % 7 ~% 11 كۆپىيىدۇ؛ مۆتىدىل بەلۋاغلار قىش كۈنلىرى تېخىمۇ نەم، ياز كۈنلىرى تېخىمۇ قۇرغاق بولىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغلار تېخىمۇ نەملىشىدۇ، قۇرغاق ۋە ئىسسىق سۇبتروپىك بەلۋاغلار تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، ئەسلىدىكى سۇچىلىق ئىنشائاتلىرىنى قـايـتىدىن تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى بـىـلـەن ئىـكـكـى قۇتۇپتىكى مۇز ئېرىپ دېڭىز يۈزى1 مېتىردىن كۆپرەك كۆتۈرۈلىـدۇ. يـەنـە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن دېـڭىز سۈيىنىڭ ھەجمى كېڭىيىشى، دېڭىز يۈزى2 .0 −4 .1 مېتىر كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر، دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئاھالە دېڭىز بويلىرىـدا ياشايدۇ، بۇ جايلاردا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن نۇرغۇن شەھەر ۋە پورتلار سۇ ئاستىدا قالىدۇ.
يەر شارىنىڭ ئىسسىشى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.1988 - يىل11 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق گازلارنىڭ ئاتموسفېرادا داۋاملىق كۆپىيىشى پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىشى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى پەيدا قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنـى كۆرسەتتى ھەمدە خـەلـقئارا جەمئىيەتلەرنى «ھازىرقى ۋە كېيىنكـى ئەۋلادلار ئۈچـۈن كىلىماتنى قوغداش» تا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. شۇڭا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى پائال تۈزەش، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنـى باشقا مـاددىلارغا ئايلاندۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ھەمدە مېتان، خلور - فتورلۇق ھىدروكاربون قاتارلىق گازلارنىڭ سىرتقا ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئورماننى ياخشى قوغداپ، زور كۈچ بىلەن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېـز رولى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاخىرىدا، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مىنېرال ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئومۇمىي سەرپىياتىنى ئازايتىش، يـادرو ئېنېرگىيىسى، قۇياش ئېنېرگىيىسى، سۇ ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسىدىن ئىمكانقەدەر پايدىلىنىش، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش كېرەك.