دېھقانچىلىـق دورىلىرىدىن بۇلغىنىش
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئىنسانلار20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدىن ئېتىبارەن دېھقانچىلىق دورىلىـرى ئارقـىـلـىـق ھاشارات ۋە ئوت - چۆپلەرنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن، ھەر يىلى يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %15 ئۆپچۆرىسىدىكى زىيىنى تولۇقلىنىپ كەلدى. بىراق، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئۇزاق مۇددەت قالايمىقان ئىشلىتىلگەچكە، مۇھىتتىكى زىيانلىق ماددىلار ھە دەپ كۆپىيىپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىنسانلارغا خەۋپ يەتكۈزدى، بۇ ئەھۋال دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن بۇلغىنىشنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدا ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىسى، قوغۇشۇن، ئارسىن، سىماب قاتارلىق ماددىلاردىن تەركىب تاپقان مېتال دورا يـاسالمىلىرى ھەمدە بەزى پەۋقۇلئاددە خاراكتېرلىك ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىلىرى بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق دېھقانچىلىق دورىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىـرى، يەنى «666»، «TDD» قاتارلىقلارنىڭ مۇقىملىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، ئاسان پارچىلانمايدۇ، ئۇنى كۆپلەپ ئىشلەتكەندە، زىرائەتلەردە بىۋاسىتە بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرى سۇ، تۇپراقلاردا ساقلىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە، يېمەكلىك ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىنتايىن مۇقىم خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇ جانلىقلارنىڭ تېنىدە ئاسان پارچىلانمايدۇ، ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەدەندە توپلىـنـىـدۇ، ھالبۇكى، ئادەم بەدىنى ئۇنى ماددا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئادەم بەدىنىدىكـى ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئاشىدۇ، مۇئەييەن دەرىجىگە بارغاندا زەھەرلىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى ئاسان پارچىلانماسلىقتەك مۇقىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، يەر شارىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقـاقـنـى بۇلغىدى، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى پىنگۋىنلارنىڭ تېنىدىمۇ ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى بايقالدى.
مېتال دورا ياسالمىلىرىنىڭ خەۋپىمۇ ئىنتايـىـن زور. سىماب دورا ياسالمىسى پۈركۈلگەن ئاشلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلار تەركىبىدىكى سىماب بىۋاسىتە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى ۋە باكتېرىيە يوقىتىش دورىلىرىنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى چوڭ ئەمەس، بىراق، ئۇلار پارچىلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان ماددىلار كۈچلۈك زەھەرلىك، شۇڭا، ئۇلارنىڭ خەۋپىمۇ خېلىلا ئېغىر.
كۆپ ساندىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلارغا زىيانلىق، ئۇلار بىلەن كۆپلەپ ئۇچرىشىش ياكى ئۇلارنى خاتا ئىستېمال قىلىۋېلىش جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتـقـان دۆلەتلەردىكى دېھقانلاردا ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرسىز بولغاچقا، يىلىغا2 مىليون ئادەم دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە40 مىڭ ئادەم ئۆلىدىكەن، ئوتتۇرا ھېـسـاب بىلەن10 مىنۇتتا28 ئادەم زەھەرلىنىدىكەن، ھەر17 مىنۇتتا بىر ئادەم ئۆلىدىكەن. ۋەھالەنكى، بۇلار تېخى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بۇلغىشى پەيـدا قىلغان ئۆلۈك ھامىلە، راك ۋە بويىدىن ئاجراشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.68 دۆلـەتـنـى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنىڭ %93 ىنى ئورگانىك خلور، ئورگانىك فوسفـور ۋە سىماب دورا ياسالمىسى قاتارلىق دېھقانچىلىق دورىلىرى پەيدا قىلىدىكەن.
ئاز مىقداردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىدە توپلىنىشىدىن پەيدا بولغان ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن بۇلغىنىش نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىجتىمائىـي ئاپەت پەيدا قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر TDD، دېلدىرىن، خلورلۇق دورا ياسالمىسى قاتارلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، زەھىرى تۆۋەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پائال تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى، شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشتىكى ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى. جۈملىدىن پايدىلىق قۇش، پايدىلىق ھاشاراتلارنى قوغداپ، «قۇشلار ئارقىلىـق ھاشاراتلارنى يوقىتىش، ھاشارات ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىش» نى ئىشقا ئاشۇردى.