UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىئەخلەتنىڭ بۇلغىشى

ئەخلەتنىڭ بۇلغىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى ئەخلەت يەرلەرنى ئىگىلىۋالىدۇ، دەريا - كۆللەرنى توسۇۋالىدۇ، پاكىزلىققا، مەنزىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى ھەمدە ئادەم ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ ھادىسە ئەخلەتتىـن بۇلغىنىش دېيىلىدۇ. ئەخلەت سانائەت داشقىلى ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سانائەت داشقىلى دېگىنىمىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا شەكىللەنگەن كېرەكسىز ماددىلارنى، جۈملىدىن تاشلىق كۆمۈر، كۆمۈر توزىنى، داشقال، دومناپېچ داشقىلى، سۇلياۋ ۋە نېفىت داشقىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش ئەخلىتى ئاساسلىقى ئاشخانا ئەخلىتى، كېـرەكـسـىـز سۇلياۋ، كېرەكسىز قەغەز، ئۇۋاق ئەينەك، مېتال بۇيۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرلەردە نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشـىـگـە ئەگـىـشـىـپ تۇرمۇش ئەخلىتى يىلىغا %10 لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ، چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەخلەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى زىيىنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. بىرىنچى، كەڭ كۆلەمدىكى يەرنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى، ئېتىز - ئېرىقلارنـى بۇلغايدۇ. ئۈچىنچى، يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ. تۆتىنچى، ئاتموسفېرانى بۇلغايدۇ. سانائەت كېرەكسىز داشقىلىدىكى بەزى ئورگانىك ماددىلار جانلىقلارنىڭ پارچىلىنىشى ئارقىلىق مۇئەييەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا بەتبـۇي پۇراق چىقىرىپ ئاتموسفېرانى بۇلغايدۇ. بەشىنچى، كېسەللىك تارقىتىدۇ. تۇرمۇش ئەخلىتى تەركىبىدە ۋىرۇس، پارازىتلار ساقلانغان بولىدۇ، ئۇنى مەھەللىۋى ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەملەر بۇ خىل ئوغۇت بېرىلگەن كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى يېسە يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردىكى ئەخلەتلەر كۆپىيىپ كەتتى. ئەخلەتنى بـىـر تەرەپ قىلىش شەھەر مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىكى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى