UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىغالجىر مۈشۈكنىڭ دېڭىزغا سەكرىشى ۋە مىناماتا كېسەللىكى

غالجىر مۈشۈكنىڭ دېڭىزغا سەكرىشى ۋە مىناماتا كېسەللىكى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى مۈشۈكمۇ غالجىر بولىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. بـۇ20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ياپونىيىنىڭ كۇماتوكېن ناھىيىسى مىناماتا ئەتراپىدىكى كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقە.1953 - يىلى كۇماتوكېن ناھىيىسىدە مەلۇم بىرەيلەن گومۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، كېكەچلەپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان، كېيىنچە قۇلىقى ئېغىرلاشقان، كۆزىمۇ كۆرمەس بولغان، پۈتۈن بەدىنى ئۇيۇشقان، ئاخىرىدا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ، توۋلاپ ئۆلگەن. ئەينى چاغدا كىشىلەر بۇنىڭ نېمە كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن.1956 - يىلىغا كەلگەندە يەنە96 ئادەم ئوخشاش كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ،18 ى ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۇماتاكېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن تېببىي تەتقىقات ئورنى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە مۈشۈكنىڭ ئۆلۈۋېلىشى بىلەن ئادەمنىـڭ كېسەل بولۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تاپقان. ئەسلىدە، بۇ بېلىق تۈرى ۋە قۇلۇلە تۈرىگە كۆپلەپ توپلانغان مېتىل سىمابنى ئىستېمال قىلىشتىن پەيدا بولغان مەركىزىي نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئىكەن. بۇ كېسەللىك ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيىنىڭ كۇماتوكېن ناھىيىسىدىكى مىناماتا دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدا بايقالغاچقا، مىناماتا كېسەللىكى دەپ ئاتالغان. بۇ كېسەللىكتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېتىل سىمابتىن1000 مىللىگرام ئىستېمال قىلغاندا، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى (مەسىلەن، تارتىشىـپ قېلىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار) كۆرۈلىدۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. مۇبادا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇدا500 مىللىگرامدىن يۇقىرى مېتىل سىماب ئىستېمال قىلىنسا، ئادەمدە مۈچە ئۇچلىرى سەزگۈنى يوقىتىش، مەركىزىي كۆرۈش دائىرىسى كىچىكلەش، سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، ھەرىكىتى تەڭپۇڭسىزلىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، مېتىل سىماب نەدىن كېلىدۇ؟ ئەسلىدە مىناماتا بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئازوت زاۋۇتـى20 - ئەسىرنىڭ30 -،40 - يىللىرىدا سىماب كاتالىزاتورى ئارقىلىق ۋىنىل ئاتسېتات، ۋىنىل خلورىد ئىشلەپچىقارغان. بۇنىڭ بىلەن، تەركىبىدە نۇرغۇن مىقداردا مېتىل سىماب ساقلانغان كېـرەكـسـىـز سۇ، كېرەكسىز داشقال مىناماتاغا چىقىرىلغان. مېتىل سىماب سۇغا كىرگەندىن كېيىن، سۇ ئۇنى تازىلاپ تۈگىتەلمەيدۇ، نەتىجىدە، بېلىق، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنىڭ بەدىنىگە مېتىل سىماب كۆپلەپ توپلىنىدۇ. ئادەم ياكى مۈشۈك تەركىبىدە مېتىل سىماب بار بېلىق، قـۇلـۇلە تۈرىدىكىلەرنى يېگەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلىدۇ.1972 - يىلى ياپونىيە سەھىيە - ئىجتىمائىي كاپالەت ۋازارىتىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ياپونىيىدە ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم مىناماتا كېسەللىكى يۈز بېرىپ، بىمارلار900 گە يەتكەن، تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلار20 مىڭدىن ئاشقان. مېتىل سىماب ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېـيىن ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، بىراق ئاسان پارچىلانمايدۇ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، بولۇپمۇ مېڭىدە ئاسان توپلىنىپ، چوڭلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە ھەمدە كىچىك مېڭىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھامىلىنىڭ پۈتۈن مېڭىسىگە دېگۈدەك تەسىر قىلىدۇ. مىناماتا كېسەللىكى ئۆزىنىڭ ئېغىر ئاسارەت كېسەللىكى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېپىلمىدى. بۇ كېسەللىكتە بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلىدۇ ياكى مېيىپ بولۇپ قالىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيىسىنى پائال ئىسلاھ قىلىپ، مۇھىتقا سىماب ۋە ئۇنىڭ بىرىكمە ماددىلىرىنى قويۇپ بەرمىگەندىلا، مىناماتا كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ياپونىيە سىمـاب بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مىناماتا كېسەللىكىنى كونترول قىلدى، بىراق ئۇنىڭ خەۋپى تەلتۆكۈس يوقىتىلمىدى. مىناماتا كېسەللىكى تراگېدىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا مۇھىتنى ئاسراشـتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى