ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ساپ ھاۋا ھاياتلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى. نۆۋەتتە بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، ھاۋانى تازىلاش، «كۆك ئاسمان، قىزىل كۈننى قايتا كۆرۈش» دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى.
ساپ ھاۋا %78 ئازوت، %21 ئوكسىگېن، %93 .0 ئارگون، ئاز مىقداردىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، سۇ پارى ھەمدە مىكرو مىقداردىكى ئاز ئۇچرايدىغان گاز جىسىمدىن تەشكىللىنىدۇ. ئاتموسفېرادىكى بەزى گاز جىسىملار بىنورمال ھالدا كۆپەيسە ياكى ئاتموسفېراغا يېڭى تەركىب قوشۇلسا، ئاتموسفېرا مەينەتلىشىدۇ. ئاتموسفېرا تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشى جانلىـقلارنـىـڭ نورمال ياشىشىغا خەۋپ يەتكۈزگەندە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى پەيدا بولىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئىككى خىل بولىدۇ. يانار تاغنىڭ پارتلىشى، يەر تەۋرەش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن پەيدا بولغان ئىـس - تۈتەك، گۈڭگۈرت ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد قاتارلىقلار تەبىئىي بۇلغاش مەنبەسى دېيىلىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش پائالىيىتىدە شەكىللەنگەنلىرى سۈنئىي بۇلغاش مەنبەسى دېيىلىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ پائالىـيـىـتـى، بـولـۇپـمـۇ سانائەت ۋە قاتناش - ترانسپورتتىن كېلىدۇ، شۇڭا سانائەت رايونلىرى ۋە شەھەر ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى ئالاھىدە ئېغىر بولىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر سەككىز چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ بەشى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىدىن پەيدا بولغان. دەسلەپكى ستاتىستىكىلارغـا قارىغاندا، خەۋپ پەيدا قىلغان ياكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنىڭ100 خىل ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىر دائىرىسى كەڭ، ئىنسانلارنىڭ مۇھىتىغا تەھدىتى بىرقەدەر زور بولغانلىرى ئاساسلىق كۆمۈر توزىنى، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، كاربون (Ⅱ) ئوكسىد، ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدرو كاربىد، ھىدرو سۇلفىد ۋە ئاممىياك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار دۇنيا بويىچە ھەر يىلى600 مىليون توننىدىن ئارتۇق قويۇپ بېرىلىدۇ.
كۆمۈر توزىنى ئادەم بەدىنى ساغلاملىقىنىڭ چوڭ دۈشمىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى دىئامېتىرى5 .0 ~5 مىكرومېتىر ئارىلىقىدىكى توزانلار ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئۇ بىۋاسىتە ئۆپكە ھۈجەيرىسىگە بېرىـپ چۆكمىلىشىدۇ، ئۇ يەنە قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىشىمۇ ئېھتىمال. توزان دانچىلىرىنىڭ يۈزىدە تۈرلۈك زەھەرلىك ماددىلار بولىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن نەپەس يولى، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد سۇ پارى بىلەن بىرلىشىپ كىسلاتالىق تۇمانغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك چىرىتىشچانلىققا ئىگە. سانائەت ۋە ئاپتوموبىللاردىن قـويـۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅱ) ئوكسىد رەڭسىز، پۇراقسىز كۈچلۈك زەھەرلىك گاز جىسىم بولۇپ، ئاتموسفېرادا ئىككى - ئۈچ يىلغىچە يوقالمايدۇ، ئۇ مىقدارى كۆپ، توپلىنىشچانلىقى كۈچلۈك زەھەرلىك گاز. ئاپتوموبىل ۋە زاۋۇتلاردىن قويۇپ بېرىلگەن ئازوت، ئوكسىگېن بىرىكمىلىرى ۋە ھىدروكاربىد قۇياشتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك فوتـو خـىـمـىـيـە تۇمانىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ كۆزى ۋە دىمىغىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ.
ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك ماددىلار يەنە نۇرغۇن زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار، يەنى قوغۇشۇن، كادمىي، سىنك، خروم، سىماب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئادەم بەدىنىگە كىرگـەنـدىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇرى، مەركىزىي نېرۋا، نەپەسلىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلاردا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلـىـدۇ. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا تېخىمۇ زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇلغانغان رايوندىكى بالىلارنىڭ يېتىلىشى ئاستـا، ئىـنـكـاسـى ئاستا، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، كېسەللىككـە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال رايوندىكى بالىلارنىڭكىدىن2 −6 ھەسـسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.
ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاز مىقداردىكى سۇلفات (Ⅳ) ئوكسىد گازى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش فۇنكسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شال چېچەكلىگەندە بىر قېتىم ئىسلانسىلا مەھسۇلاتى %9 .85 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۆي چارۋىلىرىمۇ ئاتموسفېرادىكى بۇلغىنىش تۈپەيلىدىن زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ئۆلىدۇ. ئىمارەت، ئۈسكۈنە، بولۇپمۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇلغانغان ئاتموسفېرادا ئېغىر چىرىشكە ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.