UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىسۇنىڭ بۇلغىنىشى

سۇنىڭ بۇلغىنىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى سۇ، ھاۋا ھەمدە يېمەكلىك ئىنسانلار ھاياتى ۋە ساغلاملىـقـىـنـىـڭ ئۈچ چوڭ مۇھىم ئامىلى. ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ50 (ئاياللار) ۋە60 (ئەرلەر) پىرسەنتى سۇدىن تەشكىللىنىدۇ، بالىلارنىڭ تېنىدىكى سۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 80% ىنى ئىگىلـەيـدۇ. سۇ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ. يەر شارىدىكى تاتلىق سۇ بايلىـقـى يـەر شـارى سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 3% ىنى ئىگىلەيدۇ، ھالبـۇكـى، مـۇشـۇ 3% تاتلىق سۇنىڭ ئاران 5%.0 ىنى بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدۇ. شـۇڭـا، سـۇنى ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ھاياتلىق بۇلىقى دەيمىز. ۋەھالەنكى، سۇ دۇنيادا خېلى ئومۇميۈزلۈك ھەم ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا. سۇدىكـى زىيانلىق ماددىلار سۇنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە بۇلغىنىش يۈز بېرىدۇ. بۇ زىيانلـىـق ماددىلار دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئېغىر مېتاللار، باشقا بىرىكمە ماددا قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار، ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك خىمىيىلىك ماددىلار، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار، ماي تـۈرىـدىـكـى ماددىلار، ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلىرى، تۈرلۈك تاشلاندۇق ماددىلار ۋە رادىئوئاكتىپ ماددىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسى ئاساسلىقى سانائەتتە پىششىقلاپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان كېرەكسىز سۇ، تۇرمۇشتىكى كېرەكسىز سۇ ۋە دوختۇرخانىلاردىكى كېرەكسىز سۇلاردىن كېلىدۇ. زور مىقداردىكى بۇلغىمىلار ئالدى بىلەن دەريا ئېقىنلىرىغا قـويـۇپ بېرىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئېلىمىز53 مىڭ كىلومېتىرلىق دەريا بۆلىكىنـى تەكشۈرگەندە، تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغىرىشقـا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇلغانغان سۇ تەخمىنەن 3%.23 نى، سۈپەت جەھەتتە ئىچىش ئۆلچىمىگە يەتكەن سۇ ئاران 14% نى ئىگىلىگەن. قىسقىسى، كۆللەر ۋە دېڭىز قولتۇقلىرىمۇ خېلى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. يەر ئاستى سۇلىرىمۇ بۇنداق يامان تەقدىردىن قۇتۇلالمىغان. سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇلغانغان سۇدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئورگانىزم، ۋىرۇس قاتارلىقلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. سۇدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئادەم ۋە چارۋىلارنى زەھەرلەيدۇ، بەزى كۈچلۈك زەھەرلىك ماددىلار بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا سۇدىكى جانـلـىـقلار ۋە ئۇنى ئىچكەن ئادەمنى جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى بايقاش بىرقەدەر ئاسان. بۇلارنىڭ ئىچىدە سىماب، كادمىي، خروم، قوغۇشۇن قاتارلىق مېتال بىرىكمىلىرىنىڭ بۇلغىشى ئەڭ خەۋپلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەم بەدىنىگـە كىرگەندىن كېيىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنى تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتـىـنـىـڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە 70% ئادەم بىخەتەر، پاكىز سـۇ ئىچەلمەيدىكەن. ھازىر دۇنيا بويىچە يىلىغا5 ياشتىن كىچىك15 مىليون ئۆسمۈر ئۆلىدىكەن، ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە ئىچىملـىـك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە كۈنىگە25 مىڭ ئادەم بۇلغانغان سۇنى ئىچكەنلىكى ئۈچۈن كېسەل بولىدىكەن ياكى سۇ قىسلىقى تۈپەيلىدىـن ئۆلىدىكەن. سۇنىڭ بۇلغىنىشى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا غـايـەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش تۈپەيلىدىن بېلىق، راكلار كۆپلەپ ئۆلىدۇ؛ بۇلغىنىش يەنە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى ئېـقىمغا كۆچۈشى ۋە كۆپىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بېلىقلاردا ئۆسۈشنىڭ ئاستىلىشى ۋە غەلىتە شەكىلنىڭ پەيدا بولۇشى بارلىققا كېلىپ، بېلىق مەھسۇلاتى مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. بۇلغىنىش تۈپەيلىدىن يەنە نۇرغۇن سۇ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئىستېمال قىلغىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك بېلىقلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇلغانغان سۇ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىمۇ بۇلغايدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بۇلغـانـغـان سۇ يەنە ترانسپورت ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ، كېمە، پاراخوت، كۆۋرۈك، سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. سـۇنىڭ بۇلغىنىشى باشقا مۇھىت شارائىتلىرىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىـڭ سەيلە - ساياھەت قىلىشى، كۆڭۈل ئېچىشى ۋە ئارام ئېلىشىغىمۇ تـەسـىـر يەتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە، پاكىز سۇ ئىنسانلارنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە بولۇپ قالدى، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى ھەل قىلىش كەلگۈسى ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى