UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىجانلىقلار بايلىقىنىـڭ ئازىيىشى

جانلىقلار بايلىقىنىـڭ ئازىيىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى جانلىقلار بايلىقى ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزم بايلىقـىـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار تەبىئىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىنـسـانلار جەمئىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلـىـك بايلىق. ئۆسۈملۈك − ئىشلەپچىقارغۇچى، ھايۋانات − ئىستېمال قىلغۇچى، مىكرو ئورگانىزم − پارچىلىغۇچى، بۇلار تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى ئورگانىك قىسىم بولۇپ، بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جانلىقلار بايلىقىنىڭ ئازىيىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ.2000 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا تەخمىنەن110 خىلدىن كۆپرەك ھايۋان،130 خىلدىن كۆپرەك قۇش يەر شارىدىن غايىب بولدى.1600 - يىلىدىن بۇيان،4226 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ئىچىدە36 خىلىنىڭ نەسلى قۇرىدى، بۇ ئۇلارنىڭ 85%.0 نى ئىگىلەيدۇ؛120 خىلى نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بۇ ئۇلارنىڭ 84%.2 ىنى ئىگىلەيدۇ. بىزگە مەلۇم بولغان8684 خىل قۇش تۈرى ئىچىدە نەسلى قۇرۇغانلىرى94 خىل بولۇپ، %09 .1 نى ئىگىلەيدۇ؛ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىرى187 خىل بولۇپ، %16 .2 نـى ئىگىلەيدۇ. «خەلقئارا تەبىئەت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى» غا ئالاقىدار ماتېرىياللارغا قارىغاندا،1850 - يىلىدىن بۇيان، ئىنسانلار75 خىل قۇش تۈرى ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتكەن،359 خىل قۇش تۈرى ۋە297 خىل چـارۋا تۈرىدىكى ھايۋان نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ھازىر دۇنيا بويىچە2500 خىل ئۆسۈملۈك ۋە1000 خىلدىن ئارتۇق ئومۇرتقىلىق ھايۋان نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. جانلىقلار بايلىقىنىڭ ئازىيىشىغا ئالـدى بـىـلـەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەب بولدى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشـى ۋە ئورمانلارنىڭ كېسىلىشىگە ئەگىشىپ، جانلىقلار ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان ياشـاش مۇھىتىدىن مەھرۇم قالدى. ئېلىمىزدىلا بار بولغان چوڭ مۈشۈكئېيىق جۇڭگو بامبۇكىنىڭ قۇرۇشى بىلەن ئاچلىقتىن ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرىدىكى قىزىل ئىبىس ئەسلىدە خېلى كەڭ دائىرىدە تارالغانىدى. ئىنسانلارنىڭ كۆپلەپ ئورمان كېسىشى نەتىجىسىدە ئۇلار ئۇۋىلاش، كۆپـىـيىش شارائىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، بەكلا ئازىيىپ كەتتى.1980 - يىلى بۇ خىل قۇشتىن دۇنيادا ئاران15 ىلا قالغان. ئۇلارنىڭ11 ى ئېلىمىزنىڭ شەنشى ئۆلكىسى ياڭشەن ناھىيىسىدە، قالغان4 ى ياپونىيىدە. يەنە بىر تەرەپتىن، قالايمىقان كېسىش، قالايـمىقان ئوۋلاش، كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئاشلىق تېرىش سەۋەبىدىن ئۆسۈملۈك بايلىقى جىددىي ئازايدى. مەسىلەن، كاتايا دەرىخى، كۈمۈشئۆرۈك، داۋىنىيە دەرىخى، سېرسدپىللوم دەرىخى قاتارلىقلار نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. زىيادە كۆپ ئوۋ ئوۋلاش نەتىجىسىدە نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ئامېرىكا يايلىقىدا60 مىليون تۇياق ئامېرىكا قىتئەسى قوتىزى بار ئىدى، كېيىنچە بۇ قوتازلار كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلدى،20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. سېرىق گوربىل بېلىق، سىياھ بېلىق، تاسمىبېلىق كۆپ چىقىدىغـان جۇشەن بېلىقچىلىق مەيدانىدا بېلىـق كـۆپـلـەپ تـۇتۇلغانلىقتىن مەھسۇلات جىددىي تۆۋەنلىدى، بولۇپمۇ سېرىق گوربىل بېلىـق ئازىيىپ، بېلىق ئوۋلاش مەزگىلى بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىدىغان ھالەت شەكىللەندى. سانائەتتىكى ئۈچ كېرەكسىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاتموسفېرا بىلەن سۇنى بۇلغاپ، جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا خەۋپ يەتكۈزدى، ياۋايى جانلىقلارنـىـڭ سانى روشەن ئازايدى. شۇڭا، جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش دۇنياۋى جىددىي ۋەزىپىگە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
جانلىقلار بايلىقىنىـڭ ئازىيىشى | UyghurWiki | UyghurWiki