تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
دۇنياغا مەشھۇر بابىلۇن مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۆشۈكى − خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى ئورمان ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنىڭ سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، سۇ، تۇپراقنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى نەتىجىسىدە دەريـا قىنى تىنىپ، سۇ تېشىپ كەتكەچكە گىياھ ئۈنمەيدىغان يەرگە ئايلانغان. يەر − ئىنسانلارنىڭ ياشاش بازىسى. شۇڭا، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئېغىر مۇھىت مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.
تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ تېز بـولـۇشـىـدىـكـى ئاساسلىق سەۋەب − ئىنسانلارنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدا. ئىنسانلارنىڭ ئورمانلارنى قالايمىقان كەسكەنلىكى، يـايلاقلاردا چارۋىنى زىيادە كۆپ باققانلىقى سۇنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن كىلىمات قۇرغاقلىشىپ، تۇپراقتا بوش كۆچمە قۇم چۆكۈندىلىرى پەيدا بولدى.
تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ زور دۈشمىنى. ئەينى يىللىرى قۇملۇق گۈزەل مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىنى ۋەيران قىلغان، مەشھۇر يىپەك يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. جۈملىدىن، مىسىرنىڭ % 96 تىن ئارتۇق زېمىنىنـى ئىشغال قىلغان. ھازىر دۇنيا بويىچە تۇپراقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قۇملىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەر يىلى60 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تۇپراق قۇملىشىپ،60 نەچچە دۆلەتكە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ % 16 ىدىن كۆپرەكى قۇملىشىشنىڭ تەسىرىگـە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا قۇملۇقنى تىزگىنلەش دۇنيادىكى10 چوڭ قىيىن تېمىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئېلىمىز قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئىنتايىن زور نەتىجە ھاسىل قىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى لەنجۇ قۇملۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئېلىمىزنىڭ تەخمىنەن قۇملاشقان % 10 تۇپرىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلدى، قۇملاشقان 12% تۇپراقنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى. قۇمنى تىزگىنلەشتىكى بۇ تەجرىبە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، لېكىن قۇملىشىش يەنىلا گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسى بولۇپ تۇرماقتا. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىدىكى نەچچە100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تۇپراق قۇملىشىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر تېز سۈرئەتتە تىزگىنلەنمىسە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرى200 ~300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر تۇپراق قۇملىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى زور تەھدىت بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئېغىر زىيان سالىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇمېڭخۇ تاغلىق رايوندىكى يەتتە ناھىيە، خوشۇننىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، قۇملىشىش خەۋپى تۈپەيلى تېرىقچىلىقنى ئۆزگەرتىش، تېرىقچىلىقنىڭ ۋەيران بولۇش كۆلىمى500 ~700 مىڭ موغا يەتكەن. نەتىجىدە، ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسـۇلاتـى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.
تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى دۇنياۋى مەسىلە، ئۇ كىشىلەرنى تەبىئىي بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانۇن، ئىقتىساد، مەمۇرىي تۈزۈم قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قالايمىقان بوز يەر ئېچىش، قالايمىقان چارۋا بېقىش ۋە قالايمىقان قېزىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.