UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىرادىئوئاكتىپلىق بۇلغىنىش

رادىئوئاكتىپلىق بۇلغىنىش

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋە سۈنئىي ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېمېنـتلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىپ، ئادەتتە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر چىقىرىدۇ. بۇ ئېلېمېنتلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ رادىئوئاكتىپلىـق ئېلېمېنت ياكى رادىئوئاكتىپ ماددا دېيىلىدۇ. تەبىئىي شارائىتتا، ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن نۇر ۋە يەر شارى مۇھىتىدىكى رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلار جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىن بۇيان، ئادەملەرنىڭ ئىش - ھەرىكىتى سۈنئىي رادىئاتسىيە مەنبەسى ۋە سۈنئىـي رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەدەپ كـۆپىيىشىگە سەۋەب بولدى، مۇھىتتىكى نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزدى، نەتىجىدە، رادىئوئاكتىپلىق بۇلغىنىش پەيدا بولدى. رادىئوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنى تۈگىتىش ئىنتايىن تەس، نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەنلا ئاجىزلايدۇ. رادىئوئاكتىپ بۇلغىنىش ئاساسلىقى يادرو قوراللىرى تەجرىبىسى، يادرو سانائىتىدىكى رادىئوئاكتىپ كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشى، تۈرلۈك يادرو ۋەقەلىرىدىكى ئېقىپ كېتىش ھەمدە X نۇرى، تېلېۋىزور تەسۋىر كۆرسەتكۈچى قاتارلىق خىلمۇخىل رادىئاتسىيە مەنبەلىك قۇرۇلمىلاردىن كېلىدۇ.1945 - يىلى ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكىغا ئىككى دانە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندىن كېيىن، نەچچە100 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ھايات قالغان نۇرغۇن كىشىلەر رادىئوئاكتىپلىق كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان. ئاتموسفېرا يادرو سىنىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن رادىئوئاكتىپلىق چۆكۈندىلەر ئاتموسفېرا، يەر يۈزى ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنى بـۇلـغىدى، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرى يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچىقىرىـش، ئىـشلىتىش ۋە يىغىۋېلىش جەريانىدا زور مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ كېرەكسـىـز ماددىلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يادرو سۇ ئاستى كېمىسـى ۋەقەسى، يادرو بومبىسى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى، يادرو ئېلېكتر مەنبەسى ئىشلەتكەن سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاتموسفېراغا چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ئوخشاشلا يادرو بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلدى. مۇھىتتىكى رادىئوئاكتىپ ماددىلار كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، ئۇلار چىقارغان نۇر ئورگانىزمدىكى چوڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا ھۈجەيرە ۋە توقۇلما قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە بـۇزۇپ، ئادەم ئورگـانـىـزمىنى زەخىملەندۈرىدۇ. كۈچلۈكلۈكى يۇقىرى نۇر تېرىـنـى كۆيدۈرۈپ، ئاق قان كېسەللىكى ۋە تۈرلۈك راكلارنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بـۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئاز مىقداردىكى جۇغلانما رادىئاتسىيە ئاستا خاراكتېرلىك رادىئوئاكتىپ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، قان ئىشلىگۈچى ئەزالار، يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىـسـى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى نەچچە ئون يـىـل داۋاملىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى