كادمىيلىق گۈرۈچ بىلەن زەھەرلىنىش ھەمدە ئاغرىش كېسەللىكى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توياما تۈزلەڭلىكىنى جىنزى دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاھالىلەر ئەۋلادمـۇئەۋلاد مۇشۇ دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ، دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئېتىز - ئېرىقلارنى سۇغىرىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جىنزى كانچىلىق ئورنى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، بۇ يەرگە قوغۇشۇن، سىنك ئايـرىـش زاۋۇتـى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەركىبىدە كادمىي بار كېرەكسىز سۇ بـىـر تـەرەپ قىلىنمايلا جىنزى دەرياسىغا قويۇپ بېرىلگەچكە، دەريـا سۈيى بۇلغانغان. ئىككى قىرغاقتىكى دېھقانلار ئاشۇ سۇ بىلەن شال ئېتىزلىرىنى سۇغارغان، سۇ تەركىبىدىكى كادمىي تۇپراقنى بۇلغىغان. شال كادمىيدىن بۇلغانغان تۇپراقتا ئۆسكەن. نەتىجىدە، گۈرۈچتىكى كادمىي تەركىبىمۇ كۆپەيگەن، دېھقانلار بۇ خىل گۈرۈچنى يېگەندە زەھەرلىنىدۇ، بەزى بىمارلار ھەتتا يۆتىلىشى بىلەنلا تـۆش سۆڭىكى يېرىلىپ كېتىدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى تولىمۇ پاجىئەلىك.
كادمىي ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئېلېمېنت، ئۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكـى مىقدارى ئانچە كۆپ ئەمەس. كادمىي ئادەتتە ھەربىر كۇب مېتىر ئاتموسفېرادا003 .0 مىكرو گرامدىن، ھەر لىتىر سۇدا10 مىكرو گرامدىن، ھەر كىلوگرام تۇپراقتا5 .0 مىكرو گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق تۆۋەن دەرىجىدىكى قويۇقلۇق ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. كادمىي بۇلغانـمـا مـەنـبـەسـى ئاساسلىقى قوغۇشۇن - سىنك رۇدىسى، ئېلېكتر ئارقىلىق ھەل يالىتىش، رەڭـلىك مېتال ئېرىتىش ھەمدە كادمىي بىرىكمىلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلاردىـن كېلىدۇ. ئەگەر مۇھىت كادمىينىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىسا، كادمىي جانلىقلار تېنىدە كۆپلەپ توپلىنىدۇ ھەمدە ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ئاستـا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
كادمىي بىلەن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلـىـنىش بۆرەككە تـەسىر كۆرسىتىپ، كېسەللىك پـەيـدا قىلىدۇ ۋە ئىچكى ئاجراتمىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىدۇ.1955 - يىلىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ توياما ناھىيىسى جىنزى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ دەسلىپىدە بوغۇمى ئاغرىغان، بىرنەچچە يىلدىن كېيىـن پۈتۈن بەدەندىكى ئۇستىخانلىرى ۋە نېرۋىسى ئاغرىشقا باشلىغان، بۇ بىرنەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن بىمار ھەرىكەتتىن قالغان، ھەتتا نەپەسلىنىشمۇ ئىنتايىن قىيىنلاشقان، ئەڭ ئاخىرىدا، سۆڭەكلىرى يۇمشاپ ۋە يىگلەپ ئۆزلۈكىدىنلا سۇنغان، نەتىجىدە، بىمار تاماقتىن قېلىپ ئازابلىنىپ ئۆلگەن. مانا بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان سەككىز چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ بىرى − ئاغرىش كېسەللىكى ۋەقەسى، بۇ «كادمىيلىق گۈرۈچ ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئادەتتە بۇ كېسەللىك بىلەن30 ياشتىن70 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئاغرىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ پەرزەنتلىك ئاياللار ھەمدە ئىزچىل ھالدا جىنزى دەرياسىنىڭ سۈيىنـى ئىچكەن ۋە كادمىيلىق گۈرۈچنى ئىستېمال قىلغان كىشىلەردۇر. ياپونىيە مېدىتسىنا ۋازارىتى1968 - يىلى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا قارىغاندا، ئاغرىش كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئۇزاق مۇددەت «كادمىيلىق سۇ» ئىچىش، «كادمىيلىق گۈرۈچ» ئىستېمال قىلـىـش؛ ئۇنىڭ قوزغاتقۇچى سەۋەبى ھامىلىدارلىق، ئېمىتىش، ئىچكى ئاجراتـمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى، ئوزۇقلۇق يېتەرسىزلىكى ھەمدە قېرىلىق ئىكەن.
ئېلىمىز تۇپرىقىنىڭ كادمىيدىن بۇلغىنىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولـمـايـدۇ،20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى15 شـەھەرنـى ستاتىستىكا قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا،110 مىڭ مو ئېتىزدىكى گۈرۈچتە كادمىي تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، كادمىي بۇلغانما مەنبـەسـىنـى تۈگىتىشكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.