UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىيادرودىن بۇلغىنىش ۋە چېرنوبىل ۋەقەسى

يادرودىن بۇلغىنىش ۋە چېرنوبىل ۋەقەسى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى 1986 - يىل4 - ئاينىڭ26 - كۈنى سەھەر سائەت1 دىن46 مىنۇت ئۆتكەندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسـىـنـىـڭ4 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئاتوم قازىنىدا كۈچلۈك پـارتلاش يۈز بەردى، نەق مەيداندىكى ئوت يالقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى30 نەچچە مېتىـرغـا يەتتى. گەرچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسى ۋاقتىدا ئايروپىلان ئەۋەتىپ، تەركىبىدە قوغۇشۇن، بور بولغان5000 نەچچە يۈز توننىلىق قۇم تاغارلىرىنى تاشلاپ ئاتوم قازىنىنى ئەتكەن بولسىمـۇ، لېكىن يەنىلا زور زىيان پەيدا بولغان. بۇ قېتىمقى ۋەقە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى تـارىخىدا ئەڭ ئېغىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى چېرنوبىل پاجىئەسى دەپ ئاتايـدۇ، بەزىلەر ئۇنى «يادرو ئاپىتى» دەپمۇ ئاتىغان. بۇ قېتىمقى ۋەقـەدە31 ئادەم ئۆلگەن،135 مىڭ ئادەم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئىقتىسادىي زىـيـان2 مىليارد رۇبلىغا يەتكەن. ۋەقەدە ئاتوم قازىنىنىڭ ئۆزىكى كاردىن چىقىپ گرافىت گەۋدىسى (دۆۋىسى)گە ئوت تۇتىشىپ كەتكەنلىكـى سەۋەبىدىن زور مىقداردىـكـى رادىئوئاكتىپ ماددىلار سىرتقا ئېقىپ چىقىپ مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنـى پەيدا قىلغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىـدە5000 ئاھالە نۇقتىسى،60 مىڭ كورپۇس ئائىلىلىك بىنا ۋە باشقا ئىمارەتلەر، شۇنداقلا كەڭ دائىرىدىكى ئورمان، ئېتىز - ئېرىقلاردىكى بۇلغىنىشنى تازىلاشـقـا توغرا كەلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگـرىـسىدا ۋەقە پەيدا بولغاندىن كېيىن، يەنى4 - ئاينىڭ27 -،28 - كۈنلىرى شەرقىي جەنۇب شامىلى چىققان. نەتىجىدە، فىنلاندىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە ۋە پولشا يادرودىن بۇلغىنىشقا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىغان. كېيىنچە شىمال شامىلى چىقىپ، رادىئوئاكتىپلىق ئىـس - تۈتەكلەر ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا سۈرۈلگەن.1987 - يىل9 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى برازىلىيىنىڭ گوياس شتاتىنىڭ مەركىزى گويانىيە شەھىـرىدە ئىككى يىگىت گوياس شتاتى1984 - يـىـلـى تاشلىۋەتكەن، رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ سېزىي −137 لىق قاچىلانغان يۇمىلاق باكنى تېپىۋالغان ھەمدە ئۇنى كېرەكسىز تۆمۈر قاتارىدا بىر زاۋۇتقـا ساتقان. زاۋۇتتىكى ئىشچىلار بۇ باكنى پارچىلىغان. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى رادىئوئاكتىپ مـاددىلار سـىـرتـقـا چىقىپ كېتىپ،50 ئادەم رادىئوئاكتىپلىق رادىئاتسىيىگە ئۇچرىغان. بۇمۇ بىر قېتىملىق يادرو بۇلغىنىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا1970 - يىلىدىن ئىلگىرى285 قېتىم تۈرلۈك يادرو ۋەقەسـى يۈز بەرگەن، بۇنىڭ %60 ى باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن پـەيـدا بولغان.1979 - يىل3 - ئاينىڭ28 - كۈنى يۈز بەرگەن دۇنيانى زىلزىلىگـە سالغان ئامېرىكىنىڭ سانرىزو ئارىلىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ مەشغۇلات سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان؛ چېرنوبىل ۋەقەسىمـۇ ئاسـاسـلـىـقـى ئالاقىدار خادىملارنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى، مەشغۇلات قائىدىسىگـە خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن سادىر بولغان. شۇڭا، يادرو ۋەقـەلىرىـدىن ساقلىنىش مۇمكىن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئېنېرگىيە مەنبەسى كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋال بارلىققا كەلدى. يادرو ئېلېكـتـرى سۇ ئېلېكتر، ئوت ئېلېكتر بىلەن بىللە ئېلېكتر قۇۋۋىتى سانائىتىدىكى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە ئايلاندى. يادرو ئېلېكترىنىڭ تەرەققىياتـى خېيىمخەتەر تۈپەيلىدىن توختاپ قالمايدۇ. ئېلىمىز سۇ بېسىمىلىق رېئاكتور ئېلېكتر ئىستانسىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، سۇ بېسىملىق رېئاكتور ئۈچ قەۋەت بىخەتەرلىك توسۇققا ئىگە. شۇڭا، ۋەقە پەيدا بولغان ئەھۋالدىمۇ، رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ سىرتقا كۆپلەپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
يادرودىن بۇلغىنىش ۋە چېرنوبىل ۋەقەسى | UyghurWiki | UyghurWiki