UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىكۈركە توخۇنىڭ ئۆلۈشى ۋە گۈرۈچ شاكىلى مېيى ۋەقەسى

كۈركە توخۇنىڭ ئۆلۈشى ۋە گۈرۈچ شاكىلى مېيى ۋەقەسى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى 1968 - يىل3 - ئايدا ياپونىيىنىڭ شىمالىي كيۇشۇ شەھىرى ئايچى ناھىيىسى ئەتراپىدا توساتتىن نەچچە100 مىڭ كۈركە توخۇ ئۆلگەن. ئۇزاق ئۆتمەيلا، بۇ يەردە بىر تۈركۈم غەلىتە بىمارلار بايقالغان: ئۇلارنىڭ قاپاقلىرى ئىششىغان، كۆز ئىچكى ئاجراتمىلىرى كۆپەيگەن، پۈتۈن بەدىنىنى قىزىل ھۈررەك قاپلىغان، مۇسكۇللىرى ئاغرىغان، تۆت مۈچىسى ئۇيۇشقان، جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئىقـتىدارىمۇ قالايمىقانلاشقان. ئۇلارنىڭ بـەزىـلـىـرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. بۇ خىل كېسـەللىك نـاھايىـتى تېزلا يامراپ، زىيانلانغۇچىلار10 مىڭدىن ئاشقان. مانا بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان سەككىز چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ بىرى − گۈرۈچ شاكىلى مـېـيـى ۋەقەسى. بۇ كۈركە توخۇ ۋەقەسى ھەمدە پولىخلورىد بىفېنىلدىن بۇلغىنىش ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۈرۈچ شاكىلى مېيى ۋەقەسى ياپونىيىدىكى20 نەچچە ناھىيىگـە تەسىر كۆرسەتكەن، پۈتۈن ياپونىيە پاتىپاراقچىلىققا چۆمگەن. ياپونىيىنىڭ شىمالىي كيۇشۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئاشلىق پـىـشـشىقلاپ ئىـشلەش شىركىتىنىڭ يېمەكلىك مېيى زاۋۇتـى گۈرۈچ شاكىلى مېيى ئىشلەپچىقارغاندا، پولىخلـورىـد بىفېنىلدىن پايدىلىنىپ پۇراقسىزلاندۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان، بـاشقۇرۇش ياخشى بولمىغاچقا، پولىخلورىد بىفېنىل گۈرۈچ شاكىلى مېيىغا ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇلغانغان ماينى ئىستېمال قىلغانلار زەھەرلەنگەن، ھەتتا ئۆلگەن. پولىخلورىد بىفېنىل سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئورگانىك ماددا. ئۇ سانائەتتە ئىسسىقلىق توشىغۇچى تەنچە، سىلىقلاشتۇرۇش مېيى، ئىزولياتور مېيى قاتارلىقلار ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئىشلىتىلگەن پولىخلورىد بىفېنىل1 مىليون توننىدىن ئاشقان، بۇنىڭ %25 ~ %33 ى مۇھىتقا كىرىپ بولغان. پولىخلورىد بىفېنىل سۇدا ئىنتايىن تەستە ئېرىيدۇ، لېكـىـن ياغ ۋە ئورگانىك ئېرىتكۈچىدە ئاسان ئېرىيدۇ ھەم ناھايىتى تەستە پارچىلىنىدۇ، شۇڭا، ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق جانلىقلار تېنىدە كۆپلەپ توپلىنىدۇ. پولىخلورىد بىفېنىل تېرە، نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، ھەزىم قىلىش يولى تەرىپىدىنمۇ سۈمۈرۈلىدۇ، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن كېيىن، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۆي قۇشلىـرى ۋە ئادەمنىڭ پولىخلورىد بىفېنىلدىن زەھەرلىنىشى ئاساسلىقى ئېـغـىـزدىـن كىرگەن، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھەربىر كىلوگرام گۈرۈچ شاكىلى مېيى تەركىبىدە2000 −3000 مىللىگرام پولىخلورىد بىفېنىل بار ئىكـەن، بـۇ ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن. پولىخلورىد بىفېنىل ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئانتاركتىكىدىكى پىنگۋىنلاردىن شىمالىي مۇز ئوكياندىكى كىتلارنىڭ مۇسكۇللىرىغا قەدەر پولىخلورىد بىفېنىل سىڭىپ كىردى. ياپونىيە، ئامېرىكا، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئادەم سۈتىدىنمۇ پولىخلورىد بىفېنىلنى تاپقىلى بولىدۇ. ھازىر بەزى دۆلەتلەر پولىخلورىد بىفېنىلـنـى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىشنى چەكلىدى. ئۇلار ھازىر پولىخلورىد بىفېنىلنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان زىيانسىز مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى