UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىتۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى

تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى تۇپراق ئىنسانلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىنىڭ ئاساسى. ئىلىم - پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە تۇپراق مىسلىسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا، جۈملىدىن تۇپراقـنىڭ بۇلغىنىشى بەئەينى يوشۇرۇن زىيانداشقا ئوخشاش، زور كۆلەمدىكى مۇنبەت تۇپراقنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلماقتا. تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى دېگىنىمىز، ئاساسلىقى تۇپراقتىكى بەزى زىيانلىق ماددىلارنىڭ نورمال مىقداردىن كۆپلەپ ئېشىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ بۇ زىيانلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىنى تۈگىتەلمەسلىك ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە يېتىلىشىنىڭ ئاستىلىشى، ھەتتا قۇرۇپ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل بۇلغىنىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. يەنى تېخىمۇ كـۆپ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولمايدۇ، لېكىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىيانلىق ماددىلارنى توپلاش رولى نەتىجىسىدە چـارۋىلار ۋە ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ يېتىدۇ، شۇڭا، بۇنىڭدىن يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشى ئاساسلىقى تۇرمۇشتىكى بۇلغانغان سۇ، سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز داشقال، خىمىيىلىك ئوغۇت ھەمدە دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن كېلىدۇ. تـۇرمـۇشـتـىـكـى بۇلغانغان سۇ ۋە ئادەم، چارۋىلارنىڭ گەندە - سۈيدۈكلىرى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ئوزۇقلۇقلار بولىدۇ، مەينەت سۇ بىلەن ئېتىز سۇغىرىلسا ياكى گەندە - سۈيدۈكلەر بىلەن يەر ئوغۇتلانسا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئاشىدۇ، بىراق بۇنىڭدا كېرەكـسـىـز سـۇ، كېرەكسىز ماددىلاردىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار، ۋىرۇسلار، پارازىتلار، ھاشارات تۇخۇمى قاتارلىقلار ئېتىزلارغا كىرىش ئارقىلىق تۇپراققا يىغىلىپ تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم بۇلغانغان تۇپراق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشسا تېتانۇس، يۇقۇملۇق كېسەللىك، يەرلىك كېسەللىك ۋە پارازىت قۇرت كېسەللىكى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىكىدە كۆپلەپ خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلگەچكە، نىتراتلار، سۇلفاتلار، خلورلۇق بىرىكمە قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلار تۇپراقتا كۆپلەپ قالىدۇ. ئۇلار تۇپراقنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىـپ، تـۇپـراقـنـى قـاتۇرۇۋېتىدۇ ۋە شورلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى كېمىيىپ كېتىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرى، يەنى كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك، پولىي خلورىد بىفېنىل قاتارلىقلار ئىشلىتىلسە، ئورگانىك ماددىلار تۇپراققا چۆكۈپ، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئادەمنى زەھەرلەيدۇ. ئاتموسفېرادىكى چاڭ - توزان، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت - ئوكسىگېن بىرىكمىلىرى ھەمدە رادىئوئاكتىپ چاڭ - توزان قاتارلىق زىيانلىـق ماددىلار تەبىئىي ھالدا ياكى يامغۇر بىلەن بىللە چۈشـۈپ تۇپراققا چۆكىدۇ. مېتال ئېرىتىش زاۋۇتى ۋە ئاپتوموبىلدىن قويۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز گازدىكى كادمىي، قوغۇشۇن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار تۇپراق تەرىپىدىـن سۈمۈرۈلۈپ بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، زاۋۇت ئەتراپى ۋە تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تۇپراق ئەڭ ئاسان بۇلغىنىدۇ. تۇپراق بۇلغىنىشى ئىچىدە ئېغىر مېتالنىڭ بۇلغىشى پەيدا قىلغان خەۋپ ئىنتايىن زور. خروم، مانگان، نىكېل قاتارلىقلار يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدا راك پەيدا قىلىدۇ. تۇپراقتىكى مېتال تەركىبنىڭ زىيادە يـۇقـىـرى بولۇشىمۇ ئۆسۈملۈكلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، ھەر كىلوگرام تۇپراق تەركىبىدە20 مىللىگرام مىس بـولسا بـۇغـداي قۇرۇپ ئۆلىدىكەن، مىس250 مىللىگرامغا يەتسە شالمۇ قۇرۇپ ئۆلىدىكەن. ھەر كىلوگرام تۇپراقتىكى سىنك مىقدارى50 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، زىرائەتنـىـڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدىكەن. تۇپراق بۇلغانسا ئۇنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئىنتايىن قىيىن. ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىنتايىن ئاستا پارچىلىنىدۇ، ئېغىر مېتاللار پارچىلانمايدۇ، بۇلغانغان تۇپراق داۋاملىق بۇلغانمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددا3 -5 يىلغىچە بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلار ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق توپلىنىپ ئىنسانلارغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۇپراقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، يەم - بوغۇز ياكى ئوغۇت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى