زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشى ۋە بوپال پاجىئەسى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئىشلەپچىقىرىـش، توشۇش، ئىشلىتىش جەريانىدا سەللا دىققەت قىلىنمىسا، ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار مۇھىتقا چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، مۇھىتنى بۇلغاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
دۇنيادا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر زەھەرلـىـك مـاددا چىقىپ كېتىش ۋەقەسى ھىندىستاندىكى «بوپال پاجىئەسى» دۇر.1984 - يىل12 - ئاينىـڭ3 - كۈنى سەھەردە، ھىندىستاننىڭ بوپال شەھىرى ئەتراپىدىكى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە كاربون بىرىكمىلىرى شىركىتى دېھقانچىلىق دورىلىرى زاۋۇتىنىڭ يەر ئاستى گاز ساقلاش باكىدىكى45 توننا ئۆتكۈر زەھەرلىك سۇيۇق مېتىل ئىزوسىئانىد ئۈچ - تۆت سائەت ئىچىدىلا پۈتۈنلەي ئېقىپ بولغان، قويۇق ئىس - تۈتۈن ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان،200 مىڭ ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان،1500 دىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن. تەكشۈرۈشلەرگـە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقـىـت ئىچىدە بوپال شەھىرى ئاھالىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن غەلىتە شەكىلدىكى بـوۋاقلار تۇغۇلغان. «بوپال پاجىئەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر بوپال شەھىرىنى «ھالاكەت شەھىرى» دەپ ئاتىغان.
زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى باشقا دۆلەتلەردىمۇ پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن،1967 - يىل4 - ئايدا ياپونىيىنىڭ ئوساكا پورتىدىكى10 مىڭ توننىلىق پاراخوتنىـڭ تېـتـرا ئېـتىـل قوغۇشۇن قاچىلانغان قاچىسى يېرىلىپ كېتىپ، تېترا ئېتىل قوغۇشۇن ئېقىپ چىققان،12 نەپەر تازىلىق ئىشچىسى ھوشىدىن كەتكەن، ئۇلاردىـن سەككىزى ئۆلگەن.1969 - يىل6 - ئايدا، «ھىندۇسالان» ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى قاچىلانغان يۈك پاراخوتىنىڭ كايۇتىسىدا ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،40 مىليون بېلىق ئۆلگەن،420 كىلومېتىرلىق سۇ دائىرىسىدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىلىپ كەتكەن.
بەزى خىمىيە سانائەت زاۋۇتلىرى دەريالارغا تۆكۈۋەتكەن ياكى يـەر ئاستىغا كۆمگەن زەھەرلىك كېرەكسىز مـاددىلار ئىنسانلارغا تەھدىت سالىدۇ.1978 - يىلى، بورانلىق يامغۇر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شتاتىـدىـكـى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى تاشلىۋەتكەن زەھەرلىك ماددا قاچىلانغان نۇرغۇن باكنى ئېقىتىپ لۆۋو دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىغا چىقىرىپ قويغان، زەھەرلىك ماددىلار چىرىگەن باكلاردىن ئېقىپ چىققان، نەتىجىدە، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار قارىداپ، قۇرۇپ كەتكەن، ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ بەدەنلىرى كۆيۈپ يارىلانغان، ئاھالىلەرنىڭ ئاق قان دانچىلىرى كۆپەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلە غەلىتە تۇغۇلۇش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلگەن.
زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدىغان زور ئىش بولۇپ قالدى. ئۆزىمىز ھەمدە ئەۋلادلـىـرىـمـىـزنـى زەھەرلىك ماددىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، بىزدە ئىلمىي ۋە تەلەپچان بولغان بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلى، شۇنداقلا مۇكەمـمەل قانۇن كاپالىتى بولۇشى كېرەك.