شاۋقۇندىن بۇلغىنىش
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئايرودروم ئەتراپلىرىدا مېكىيان تۇخۇملىمايدۇ؛ ئوركېستىر ئورۇندىغـان مۇزىكا ئالاھىدە چىرقىراق بولغاندا، تاماشىبىنلار توساتتىن ھوشىدىن كېتىـدۇ. بۇلارنى شاۋقۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئومۇمەن ئادەملەر ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئاۋازلار شاۋقۇن دېيىلىدۇ؛ فىزىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن دېگىنىمىز، ئاۋاز كۈچلۈكلۈكى ۋە چاستوتىسى قالايمىقان، قانۇنىيەتسىز ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.
مۇھىتتىكى شاۋقۇن ئاساسلىقى قاتناش - ترانسپورت، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، قۇرۇلۇش ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. شەھەرلەردە قاتناش شاۋقۇنى ئاھالىلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شاۋقۇن بىر تۈرلۈك ئېغىر بۇلغىنىش بولۇپ، سېزىم جەھەتتىكى ئىجتىمائىي ئاپەتكە مەنسۇپ. ئۇ سانائەتتىكى »ئۈچ كېرەكسىز«گە ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر قىلىدۇ، خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شاۋقۇننىڭ تەسىرى ۋە خەۋپى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى، ئاڭلاش قـۇۋۋىـتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ئاشكارىلانغان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ،85 دېتسبېلدىن يۇقىرى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا شاۋقۇن خاراكتېرلىك گاسلىقنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %50 كە يېتىدۇ. ئىككىنچى، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇخلاشقا كاشىلا قىلىدۇ. دوختۇرلار كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويغاندا،50 دېتسبېللىق شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا دىئاگنوزنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %80 لا بولىدۇ. ئەگەر شاۋقۇن100 −120 دېتسبېلغا يەتسە، ئادەم ئۇيقۇدىن ئويـغىنىدۇ. ئۈچىنچى، يۈرەك، قان تومۇر فۇنكسىيىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئاساسلىقى يۈرەك سوقۇشنىڭ تېزلىشىشى، رىتىمسىزلىشىشى، يۈرەك قان تومۇرىنىڭ تارتىشىشى، قـان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى، ھامىلىدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئاياللاردا ھەيزنىڭ تەرتىپسىزلىنىشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. تۆتىنچى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كۈچلۈك شاۋقۇنلـق مۇھىتتا باش ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇسىزلىنىش، خاتىرىسى ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش قـاتـارلـىـق كېسەللىك ئالامەتلىـرى كۆرۈلىدۇ. بەشىنچى، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا بالىلار ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى تىنچ مۇھىتتىكىدىن % 20 تۆۋەن بولىدىكەن.
شاۋقۇننىڭ تەسىرى ۋە زىيىنى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇ شاۋقۇننىڭ خاراكتېرى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيە، پسىخىكا قاتارلىق ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر يېقىملىق مۇزىكىلاردىن لەززەت ئېلىپ، مەنىۋى راھەت ھېس قىلسا، بەزىلەر ئۇنى يېقىمسىز ئاۋاز دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، ئەتراپتىكـى ۋاراڭ - چۇرۇڭ سىزنىڭ نورمال تەپەككۇرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ياشايدۇ. دۇنيا مۇھىت دېلولىرى ئىچىدە شاۋقۇن بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.1984 - يىلى ياپونىيىدىكى شاۋقۇن پادىشاھى دەپ ئاتالغان توكيو شەھىرىدە ساقچى نازارىتى شاۋقۇن بىلەن مۇناسىـۋەتلىك60 مىڭ دېلونى تاپشۇرۇۋالغان. ئېلىمىزدىكى 40% شەھەر ئاھالىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ياشايدۇ. بەزىلەر شاۋقۇن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە جىنايەت سادىر قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، شاۋقۇندىن بۇلغىنىش «مەركىزىي شەھەرلەردىكى جىنايەت» دېيىلىدۇ.