UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى

ئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە «نۈيۋانىڭ ئاسماننى يامىشى» دەيدىغان رىۋايەت بار. ھازىر ئالىملار شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، يېڭى زېلاندىيە بوشلۇقىدا يەر شارىنى قوغدايدىغان ئوزون قاتلىمىنىڭ نېپىزلەۋاتقانلىقىنى، جەنۇبىي قۇتۇپ بوشلۇقىدىكى ئوزون قاتلىمىدا «تۆشۈك» كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى، نەتىجىدە، ئالىملارنىڭ راستتىنلا «ئاسماننى يامىشى» غا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئوزون (3O) ئاتموسفېرادىكى مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، سەل - پەل بەتبۇي پۇراقلىق، سۇس كۆك رەڭدىكى گاز جىسىـم، ئۇ ئاساسلىقى يەر يۈزىدىن20 ~25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ستاتوسفېرا مەركەزلەشكەن. ئالىملار ئۇنى ئوزون قاتلىمى دەپ ئاتايدۇ. ئوزون قاتلىمىنى يەر شارىنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» گە ئوخشىتىش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ قۇياشـتـىـن كەلگەن % 99 ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسىنى توسۇپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنـى قوغدايدۇ. ئوزون قاتلىمىنىڭ قويۇقلۇقى ھەر % 1 ئازايسا قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ رادىئاتسىيىسى % 2 ئاشىدۇ، نەتىجىدە، تېرە راكى % 7 ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى % 6 .0 كۆپىيىدۇ. ھازىر دۇنيا بويىچە يىلىغا100 نەچچە مىڭ ئادەم تېرە راكى بىلەن ئۆلمەكتە، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تېخىمۇ كۆپ. ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولـى ۋە چاڭلىشىش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، نەتىجىدە، يېزا ئىگىلىـك مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تەجرىبىلەرگە قارىغـانـدا، ئوزون 25% كېمەيسە، پۇرچاق مەھسۇلاتى % 20 ~% 25 كېمىيىدىكەن. ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسى يەنە سۇدىكى بېلىق تۇخۇمى ۋە تاق ھۈجەيرىلىك يۈسۈنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، سۇلياۋ مەھسۇلاتلارنىڭ كونىرىشى، سارغىيىشى ۋە يېرىلىشىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. ئوزون قاتلىمىنىڭ نېپىزلىشى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي قۇتۇپ بوشلۇقىدا «تۆشۈك» نىڭ كۆرۈلۈشىدە مۇنداق ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بار: بىرىنچى، تەبىئىي ئامىل. قۇياش قارا دېغى پارتلىغاندا، نۇرغۇن زەرەتلىك پروتونلارنى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇلار يەر شارىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكى ئاتموسفېرانى بومباردىمان قىلىپ، ئوزونغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنـى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي قۇتۇپ بـوشلۇقىدىكى يۇقىرىغا ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى ئوزون مىقدارى بىرقـەدەر كۆپ ئوتتۇرا قاتلام ئاتموسفېراسىنى يۇقىرى قەۋەتكە ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا قاتلام ئاتموسفېراسىدا ئوزون مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، سۈنئىي ئامىل. ئىنسانلار توڭلىتىش دورىسى، دېزىنفېكسىيە دورىسى، كۆپتـۈرۈش دورىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش دورىسى قاتارلىق خىمىيىلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلـەتـكـەنـدە، ئاتـمـوسـفېراغـا قويۇپ بېرىلىدىغان خلور - فتورلۇق ھىدرو كاربون، بروم قاتارلىق گاز جىسىملار ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيىسى ئارقىسىدا خلور ئاتومىنى قويۇپ بېرىدۇ، خلور ئاتومى ئوزوندىكى بىر ئوكسىگېن ئاتومىنى تارتىۋالغاچقا، ئوزون ساپ ئوكسىگېنغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزون قاتلىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار ئوزون قاتلىمىنى قۇتقۇزۇش، خلور - فتورلۇق ھىدروكاربون ئىشلىتىشنى مەنئى قـىـلـىـشـنـى مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ.1987 - يىل9 - ئايدا24 دۆلەت كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە «ئوزون قاتلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ماددىلارنى تىزگىنلـەش مونترېئال كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرى خلور - فتـورلـۇق ھـىـدرو كاربون ئىشلىتىش مىقدارىنى1986 - يىلىدىـكـىگە قارىغاندا % 50 چۈشۈرۈشنى بەلگىلىدى. ئالىملار خلور - فتورلۇق ھىدرو كاربون ئىشلىتىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەنئى قىلغان تەقدىردىمۇ، ئازىيىپ كەتكەن ئوزون قاتلىمى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلەلەيدىغانلىـقـىـنـى كۆرسەتتى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى | UyghurWiki | UyghurWiki