كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
ئورمان تەبىئەتنىڭ قوغدىغۇچىسى. ئۇنىڭ مۇھىم رولى سۇ مەنبەسىنـى پەرۋىش قىلىش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
ئورمان يامغۇرلۇق پەسىللەردە ئورمان تاجى ۋە يەر يۈزىدىكى شاخ - يوپۇرماق قاتارلىقلار ئارقىلىق يامغۇر تـامچىلىرىنى توسۇپ، يامغۇر تامچىسىنىڭ يەر يۈزىنى يالاپ كېتىشىنى يېنىكلىتىدۇ، يامغۇر سۈيىنىڭ تۇپراققا سىڭىش سۈرئىتى ۋە تۇپراقنىڭ سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، يېغىندىن شەكىللەنگەن يەر يۈزى ئېقىنىنى ئازايتىدۇ؛ ئورماننىڭ گىرەلەشكەن يىلتىز سىستېـمـىـسـى يەنە تۇپراقنى قوغداپ، يامغۇر سۈيىنىڭ تۇپراقنى ئېقىتىشىنىمۇ ئازايتىدۇ. تۇپراق ئورماننىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، سۇ ساقلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ، قاتتىق يېغىن ياغقان ھامان سۇلار شارقىراپ ئېقىپ، كىشىلەر نەچچە مىڭ يىلدا ئۆزلەشتۈرگەن نېپىز بىر قەۋەت تۇپراق پۈتۈنلەي ئېقىپ كېتىدۇ. تۇپراقتىن پەيدا بولغان لاتقا ئېقىمى دەريالارغا كىرىپ سۇ ئامبارلىرىنى تىندۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سۇ ئامبارلىرى سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنـى يوقىتىدۇ. ئورمان سۇ مەنبەسىنى ساقلايدۇ، يامغۇر مىقدارىنىڭ % 70 ى يەر ئاستىغا سىڭىدۇ. مۇبادا ئورمان بولمىسا يامغۇردىن كەلكۈن پەيدا بولـۇش، يـامـغۇر ياغماسلىقتىن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى شەكىللىنىشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.1975
- يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇماديەن رايونىدا ئۇدا ئۈچ كۈن قارا يامغۇر يېغىپ، يېغىن مىقدارى800 ~1000 مىللىمېتىرغا يەتكەن، نەتىجىدە، مۇشۇ رايونغا جايلاشقان بەنچياۋ سۇ ئامبىرى ۋە شىمەنتەن سۇ ئامبىرىنىـڭ توسمىسى گۈمۈرۈلۈپ، غايەت زور زىيان پەيدا قىلغان. بىراق، يەنىلا شۇ رايوندىكى بوشەن ۋە دۇڭفېڭ ئىككى سۇ ئامبىرى خەتەردىن تىنچ - ئامان ئۆتكەن. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بەنچياۋ بىلەن شىمەنتەن سۇ ئامبىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ئورمان ئاز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، قارا يامغۇر چۈشۈشى بىلەن تاغدىن كەلكۈن كەلگەن، زور مىقداردىكى كەلكۈن سۈيى سۇ ئامبىرىغا بۆسۈپ كىرىپ توسمىنى گۈمۈرۈۋەتكەن؛ ھالبۇكى، بوشەن ۋە دۇڭفېڭ سۇ ئامبىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتى 90% كە يەتكەن بولۇپ، گەرچە يېغىـن مىقدارى ئامبارنىڭ سىغىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئورماننىڭ توسۇپ قېلىشى كەلكۈننىڭ ئامبارغا كىرىشىنى كېچىكتۈرگەن، نەتىجىدە، بـۇ جايلار ئامان قالغان. شۇڭا، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش تۇپراقنى قوغداش، تەبىئەتنى قوغداشتىكى مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى.