UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنى قوغداشزېمىننى قوغدايدىغان يېشىل توسۇق

زېمىننى قوغدايدىغان يېشىل توسۇق

تەبىئەتنى قوغداش ئورمان تەبىئەتنىڭ تازىلىغۇچىسى. مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە ئورماننىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ. فىنلاندىيىدە يىلىغا1 مىليارد700 مىليون مارك قىممىتىدە ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھالبۇكى، ئورماننىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى تەمىنلىگەن قىممىتى5 مىليارد300 مىليون ماركقـا يېتىدۇ. ئامېرىكىدا ئورماننىڭ بىۋاسىتە تەمىنلىگـەن قىممىتـى بىلەن ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمىنىڭ قىممەت نىسبىتى1 :9 . ئورمان ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىدىغان «زاۋۇت». ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بىر مو ئورمان كۈنىگە7 .48 كىلوگرام ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن،65 ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدىكەن. ئورمان زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرەلەيدۇ.1 گېكتار يەردىكى كىرىپتومېرىيە ئورمىنى بىر ئايدا60 كىلوگرام گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرىدۇ؛ بۇرجـۇن، سېرىنگۈل (قەلەمپۇر)، جۇڭگو چىنارى، مەجنۇنتال، قارا ئارچا، ئاق ئاكاتسىيە قاتارلىقلار ھىـدرو فتورنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىشتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. ئورمان سۇ، تۇپراقنى ساقلىيالايدۇ.20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى تۇپراق يۈز قاتلىمىنىـڭ يامغۇر سۈيى تەرىپىدىن يالاپ كېتىلىشىگە ئورمانلىقتا577 مىڭ يىل، يايلاقتا82 مىڭ يىل، تېرىلغۇ يـەردە46 يىل، يالىڭاچ يەردە پەقەت18 يىل كېتىدۇ. بۇ، ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى يېتەرسىز بولسا، تۇپراقنىڭ يالىنىشىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئورمان سۇ مەنبەسىنى ساقلىيالايدۇ. دەرەخ باراقسىنى خۇددى ئېچىلغان كۈنلۈككە ئوخشاش %10 − 20% يېغىن مىقدارىنى توسۇپ قالىدۇ.50 مىڭ مو ئورمان ساقلىغان سۇ مىقدارى1 مىليون كۇب مېتىرلىق كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىكى سۇغا باراۋەر كېلىدۇ. ئېلىمىزدە «تاغدا كۆپلەپ ئورمان بەرپا قىلىش، سۇ ئامبـىرى ياسىغانغا ئوخشاش» دەيدىـغان گەپ بار. دەل - دەرەخلەر تۇپراقتىكى سۇنى سۇ تارتىش ماشىنىسىغا ئوخشاش سۈمۈرەلەيدۇ، پارلانـدۇرۇش ئارقىلىق ئاتموسفېرا مۇھىتىغا چىقىرىـدۇ.1 مو شەمشاد ئورمىنى ھەر يىللىق ئۆسۈش پەسلىدە170 توننا سۇنى پارلاندۇرىدۇ. پاراللېل گرادۇسى ۋە كۆلىمى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، ئورمان پارلاندۇرغان سۇ دېڭىز - ئوكيان پارلاندۇرىدىغان سۇدىن يېرىم ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دەل - دەرەخلەر يەنە شامالنى توسۇپ، قۇمنى تىزگىنلەيدۇ، شاۋقۇننى پەسەيتىدۇ. ھالبۇكى، كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان ئورمان يېپىنچىلىرىدىن پايدىلىنىش تەرىپىنىلا ئويلاپ، ئۇنى قوغداشقا سەل قارىدى، ئورماننى قالايمىقان كېسىش تۈپەيلىدىن، سۇ، تۇپراق ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كەتتى. ئېلىمىزنىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى تارىختا «بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ، بوستانلىققا پۈركەنگەن» جاي ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىـنىش نىسبىتى غەربىي جۇ دەۋرلىرىدە %53 كە يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئورمانلىقلار نابۇت قىلىندى، ئېقىن سۇلار ئېگىزلىكنى پارچە - پارچە قىلىپ ئايرىۋەتتى، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ھەر يىلى سەنمىنشيادىن ئېقىپ كەلگەن لاي - لاتقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن1 مىليارد600 مىليون توننىغا يېتىدۇ، بۇ جايدىن40 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئازوت، فوسفور، كالىي ئوغۇتىنى ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ خىمىيىـۋى ئوغـۇت يىللىق مەھسۇلاتىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئورماننىڭ ئازىيىشـى يەنە قۇملاشقان تۇپراقنىڭ كۈنسايىن كېڭىيىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ھازىر دۇنيا بويىـچـە ھەر يىلى60 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر تۇپراق قۇملىشىۋاتىدۇ. ئورماننىڭ ئازىيىشى كىلىماتنىڭ نـاچارلىشىشى، ئاپەتنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنىڭ كېمىيىشىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، ئورمان يېپىنچىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر بار بولغان ئورمان بايلىقىنى ياخشى ئاسراپ، ئۇنى زېمىننىڭ يېشىل توسۇقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ئېكولوگىيىدىكى ياخشى سۈپەتلىك دەۋر قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش داۋامىدا، ئورماننىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنى قوغداش