ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش
تەبىئەتنى قوغداش
ياۋايى ھايۋانلار بىر تۈرلۈك ئەتىۋارلىق تەبىئىي بايلىق مەنبەسى، يەنى ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. ياۋايى ھايۋانلار بىزنى كۆپلىگەن يېمەكلىك، تېبـبـىـي دورا ھەمدە كۆن - خۇرۇم تۈرىدىكى سانائەت خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ بېلىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتى سۇ جانىۋارلىرىدىن ئايرىلالمـايـدۇ، ئۇلار يەنە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ مۇھىم مەنبەسى؛ ئەگەر پايدىلىق قۇش، پايدىلىق ھاشاراتلار قوغدىمىغان تەقدىردە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نورمال ئېلىپ بېرىشمۇ تەسكە توختايدۇ.
ئىنسانلارنى نەچچە ئون خىللا ئۆي ھايۋىنى، ئۆي قۇشلىرى گۆش ۋە سۈت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھالبۇكى، يەر شارىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئاز دېگەندىمۇ1 مىليون خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇلار بىزنى تولۇق ئېچىش ۋە پايدىلىنىش بايلىقى بىلەن تەمىنلەيـدۇ. ياۋا چار پاقىنىڭ گۆشى ئالاھىدە تەملىك بولغاچقا، چىلى خەلقىنىڭ ئېـسـىـل ئوزۇقىغا ئايلاندى؛ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن چىقىدىغان دېڭىز دېلفىنى (يۇنۇس بېلىقى)نى قويدەك چوڭلۇقتا بـاقـقـىـلـى بـولـىـدۇ، ئۇ ۋېنېسۇئېلا خەلقى ئىستېمال قىلىدىغان كالا گۆشىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
خىلمۇخىل ياۋايى ھايۋانلار تەڭداشسىز تەبىئىي «گېن ئامبىرى»، ئۇلار بىز يېتىشتۈرىدىغان يېڭى سورتلارنى كۆپ خىل تەبىئىي سورت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار يەنە بىئونىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىـسـى. مەسىلەن، شالدىراق قۇيرۇق يىلان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مۇشۇ خىل يىلاننىڭ ئىسسىقلىق ئارقىلىق نىشان بېكىتىپ ئوۋ تۇتۇشىدىن پايدىلىنىپ ياسالغـان ئۇلترا قىزىل نۇر ئارقىلىق يول باشلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا. مۈشۈكئېيىق، چاڭجياڭ تىمساھى قاتارلىق بەزى ھايۋانلار تىرىك تاشقـاتما دەپ نام ئالغان. چۈنكى، ئۇلار جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياۋايى ھايۋانلار تەبىئەتنىڭ ھاسىلاتى، تەبىئەت دۇنياسى نۇرغۇن مۇرەككەپ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلاردىن تۈزۈلىدۇ. مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈك يوقالسا، مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنى ئوزۇق قىلىدىغان ھاشاراتلارمۇ يوقىلىدۇ؛ مەلۇم خىل ھاشارات يوقالسا، بـۇ خىل ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان قۇش تۈرىدىكىلەر ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ؛ قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈشى باشقـا ھايۋانلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپلەپ يوقىلىشى بىر قاتار زەنجىرسىمان رېئاكسىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار نەسلى قۇرۇپ كېتىـش خەۋپىگـە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئورماننىڭ نابۇت قىلىنىشى ئۇلارنى ياشاش ماكانىدىن مەھرۇم قىلدى؛ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى يەنە ئۇلارغا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى؛ بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىنسانلارنىڭ كۆپلەپ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن نۇرغۇن ئەتىۋارلىق جانلىقلار تۈرى نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپا قىتئەسىدىكى چوڭ ئاخۇنەك (تۇندرا كەكلىكى) جىددىي ئازىيىۋېتىپتۇ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاققوتاندىن نەچچە ئونىلا قاپتۇ، ئافرىقا كەركىدانى نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتـۇ، ئاۋسترالىيىدىكى ئۆردەكتۇمشۇقتىن ھېچقانچە قالماپتۇ، ئەرەب ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك بۆكىنىمۇ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ، كىت تۈرىدىكىلىرىمۇ ئاساسەن تۈگەپتۇ، ھاۋاي ياۋا غازلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپلەپ ئازىيىپتۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى1962 - يىلىلا «ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى پائال ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدىكـى يوليورۇق» نى ئېلان قىلدى ھەمدە كۆپلىگەن تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلار ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن ياخشى رول ئوينىماقتا.