مۇھىت قانۇنى
تەبىئەتنى قوغداش
مۇھىت قانۇنى دۆلىتىمىزدە مۇھىت ئاسراش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى قوغداش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىـي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بارلىق قانۇن ئۆلچىمىنىڭ ئومۇمىي نامى.
مۇھىت قانۇنى كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى، ئاساسلىقى تەبىئىي مۇھىتنى، جۈملىدىن ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلغان ياشاش مۇھىتىنى قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق قوغدايدۇ. تەبىئىي مۇھىت دېگىـنىمىز، ئاساسلىقى تۇپراق، ئاتموسفېرا، سۇ، ئورمان، يايلاق، كان زاپىسى، يـاۋايـى ھايـۋانـات، ئۆسۈملۈك، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، تەبىئىي تارىخىي خارابىلەر، مەنزىرە، سەيلە رايونلىرى ۋە تۈرلۈك مەنزىرىگاھ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ سۈنئىي مۇھىت دېگىنىمىز، قانال، سۇ ئامبىرى، سۈنئىـي ئورمـان، مەدەنىي يادىكارلىق، شەھەر ۋە باشقا ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنـى كۆرسىتىدۇ. مۇھىت قانۇنى بولغاندا، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلـىـدىـغـان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى جازالىغىلى، مۇھىتنى ئوڭۇشلۇق قوغدىغىلى بولىدۇ.
مۇھىت قانۇنىدا كىشىلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىـشـلىك ھەرىكەت مىزانى؛ ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىـتـى؛ مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى؛ دۆلەتنىڭ مۇھىت بـاشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئاپپاراتلىرى؛ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى ھەمدە جاۋابكارلىقنـى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى بەلگىلەندى. دۆلەت تۈرلۈك مۇھىت قانۇن - نىزاملىرىنى تۈزۈش، مۇكەممەل بولغان مۇھىت ئاسراش قانۇن - تۈزۈملىرىنى بەرپا قىلىش ھەمدە ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ.