مۇۋاپىق ئېچىش
تەبىئەتنى قوغداش
تەبىئىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش − مۇھىت قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.
تەبىئىي بايلىقلارنى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ئېكولوگىيىلىك بايلىق (تۇراقلىق بايلىق)، يەنى يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، شامال كۈچى، دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچى، جانلىقلار بايلىقى (قايتا پەيدا بولىدىغان بايلىق ياكى يېڭىلىنىدىغان بايلىق)، مەسىلەن، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىكرو ئورگانىزم، تۇپراق قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچى، قېزىلما بايلىق (قايتا پەيدا بولمايدىغـان ياكى يېڭىلانمايدىغان بايلىق)، مەسىلەن، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىقلار.
تەبىئىي بايلىق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپـچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ماتېرىيالىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىـي مەدەنـىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ئەگەر بايلىق چېكىنپ كەتسە، تۈگىسە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. قېزىلما بايلىقلار قارىغۇلارچە ئېچىلسا، قېزىلما بايلىق مەنبەلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئادەم سۇ، ھاۋا، قۇياش، تۇپراق قاتارلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ بايلىقلاردا يېتەرسىزلىك كۆرۈلسە، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت پەيدا بولىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىق ئومۇمىي مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىقدارى ئاز. مەسىلەن، قېزىـلما بايلىقنىڭ يوشۇرۇن قىممىتى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق، ھەربىر ئادەمگە توغرا كېلىدىغان مىقدارى جەھەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. يەنە مەسىلەن، سۇ بايلىقـى ھەربىر ئادەمگە ئاران2700 كـۇب مېتىردىنلا توغرا كېلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ھەربىر ئادەمگە ئوتتـۇرىـچە توغرا كېلىدىغان11 مىڭ كۇب مېتىرلىق مىقداردىن خېلىلا تۆۋەن، يەنە ئورماننـى ئالىدىغان بولساق، كىشى بېشىغا ئارانلا7 .1 مودىن توغرا كېـلىدۇ، ھالبۇكى، دۇنيادا كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە5 .15 مودىن ئورمان توغرا كېلىدۇ.
تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلـىـنىش مۇقەررەر ھالدا مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قـوغـداش ئىـقـتىدارىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ يەر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە باب كەلمىسە، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىقـقـا ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدىكى تەبىئىي ئاپەت پەيدا بولىدۇ.
بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىـنىش مۇھىتنى ئەڭ ياخشى قوغداش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر توغرا قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تەبىئىي بايلىقنىڭ چەكلىكلىكىنى تونۇشى كېرەك. مەلۇم بىر خىل بايلىق مۇئەييەن شارائىت ۋە مۇئەيـيەن مەزگىل ئىچىدە تۈگەيدۇ، شۇڭا، ھەر خىل تەبىئىي بايلىقلارنى قەدىرلەش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.