UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنى قوغداشكۆزىتىش قاراۋۇلى

كۆزىتىش قاراۋۇلى

تەبىئەتنى قوغداش مۇھىتنى كۆزىتىش − مۇھىتنى قوغداشنـىـڭ قۇلىقى، كۆزى ۋە قاراۋۇلى. ئۇ كىشىلەرنى مۇھىتنىڭ ئەھۋالىغا دائىر تۈرلۈك ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەيـدۇ، كىشىلەر ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇھىت ئەھۋالىنى مۆلچەرلەيدۇ، مۇھىتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تىزگىنلەپ، مۇھىتنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان كۆپ قىسىم رايـونلاردا مۇھىت كۆزىتىش خادىملىرى مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭغـا تولغان شەھەر رايونلىرىدا «BdXX» دەپ ئۈزلۈكسىز كۆرسىتىلىۋاتـقان ئېكراننى كۆرىمىز، بۇ، شەھەرلەردىكى مۇھىم بولغان مۇھىت بۇلغاش ئامىلى − شاۋقۇننى كۆزىتىش ئارقىلىق بىزگە شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ۋاقتىدا، توغرا ئۇقتۇرىدۇ. مۇھىت كۆزىتىش يەنە ئاتموسفېرانى كۆزىتىش، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىش، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆزىتىش ھەمدە يېمەكلىك كۆزىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇھىت كۆزىتىش ئىنتايىن مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئادەتتە كۆزەتكۈچىلەر مۇھىم كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق بەزى كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىدىن ئەۋرىشكـە ئالىدۇ. ئۇنى تەجرىبىخانىدا تەھلىل ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۆزىتىلگەن رايوندىكى بۇلغانمىلارنىڭ تۈرى ھەمدە بۇلغىنىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق بۇ رايونلارنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلغا تايىنىپلا مۇھىتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۆزىتىش تېخنىكىسى تېز، سەزگۈر، ئۇدا بولۇش، ئاپتوماتىك يىراقتىن ئۆلچەش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، لازېر نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئاتموسفېرادىكى مۇھىم بۇلغانما − لەيلىمە توزانلارنى تەكشۈرۈشتىكى بىر خىل ئىلغار ئەسۋاب. بۇنىڭدا كۆزىتىش پونكىتلىرىدىن ئاتموسفېراغا بىر يۈرۈش لازېر نۇرى دەستىسى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇ ھاۋادىكى لەيلىمە توزانلارغا ئۇچرىغـاندا سۇنۇپ قايتىدۇ، ئۇنى تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى تاپشۇرۇۋالىدۇ، سۇنغان لازېر نۇرى سىگنالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئاتموسـفېرادىكى لەيلىمە توزانلارنىڭ ئورنى ۋە قويۇقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلترا قىزىل نۇر، رادار، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلىقلارمۇ مۇھىت كۆزىتىشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى. ئامېرىكا ئاتموسفېرادىكى ئوزوننىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى. مۇھىت كۆزىتىشكە جانلىقلارمۇ كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇلدى. ھايۋانات دۇنياسىدا قۇش تۈرىدىكىلەر مۇھىت كۆزىتىش سـاھەسىدىكى پائالىيەتچان »كۆزەتكۈچى خادىم« ھېسابلىنىـدۇ، بەزى قۇشلار زەھەرلىك گازلارغا ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ، قۇشلاردىكى بىئاراملىق ئالامەتلىرى بۇ گازلار نورمال قويۇقلۇقتىن ئېشىپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. كۆپ خىل ئۆسۈملۈكلەرمۇ بۇلغىنىشنى كۆزىتىشتە «كۆرسەتكۈچ» بولالايدۇ. مەسىلەن، شەمشادنىڭ يىڭنە يوپۇرمىقى سۇلفات (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭدا بىر قەۋەت موم پەيدا بولىدۇ، مومنىڭ قېلىنلىقى سۇلفات (Ⅳ) ئوكسىد قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ قېلىنلايدۇ. ياپـونىيىدە شەھەردىكى ئىس - تۈتەككە ئالاھىدە سەزگۈر بىر خىل تاشگۈل يېتىشتۈرۈلگەن. شەھەرلەردە ئىس - تۈتەك بايقالسىلا، تاشگۈل يوپۇرمىقىدا داغ پەيدا بولىدۇ؛ ھاۋانـىـڭ بۇلغىنىشى يەنىمۇ ئېغىرلاشسا، داغلار كۆپۈپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا يوپۇرماقتا تۆشۈكچىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سۆسۈن گۈللۈك بېدە، قىزىل قارىغاي، ئارپا، پالەك قاتارلىقلار ئارقىلىـق ھاۋادىكى سۇلفات (Ⅳ) ئوكسىدنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ؛ ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئالۇچا قاتارلىقلارمۇ فتورىدلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنى قوغداش
كۆزىتىش قاراۋۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki