مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنى
تەبىئەتنى قوغداش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنى «يەر شارى يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ستوكھولمدىكى تۇنجى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنىڭ20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن،1992 - يـىل6 - ئاينىڭ3 - كۈنى برازىلىيىنىڭ «رىئېۋكس مەركىزى» دە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنىنى چاقىردى،180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىلى،60 نەچچە خەلقئارا تـەشكىلات ۋەكىلى،100 نەچچە دۆلەت رەھبىرى ياكى ھۆكۈمەت رەھبىرى يىغىندا سۆز قىلدى، جۇڭگونىڭ زۇڭلىسى لى پېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن1972 - يىلى ستوكھولمدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنىدىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ زور، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر قېتىملىق خەلقئارا يىغىن. مۇشۇ نۆۋەتلـىـك يىغىننىڭ يىغىن بەلگىسىدە گىگانت بىر قولنىڭ يۇمران نوتا سانجىـلـغان يەر شارىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇ كىشىلەرگە: «يەر شارى بىزنىڭ قولىـمىـزدا» دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىرىنچى قېتىملىق ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى چاقىرىلغان20 يىلدىن بۇيانقى دۇنيانىـڭ مۇھىت قوغداش مۇساپىسىنى ئەسلەش، ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەتچىلىكىنى پائال تەدبىر قوللىنىپ، ماس ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيە ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. يىغىندا مۇھىت ۋە تەرەققىيات توغرىسىدىكى «رىئېۋكس خىتابنامىسى» (يەنە «يەر شارى نىزامنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە «21 - ئەسىردىكى ھەرىكەت كۈنتەرتىپى» ماقۇللاندى،154 دۆلەت «كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكىسى ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى،148 دۆلەت «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى. يىغىندا يەنە ئورمان قوغـداشـقـا دائىـر غەيرىي قانۇنىي ھۆججەت − «ئورمان مەسىلىسى توغرىسىدىكـى ھۆكۈمەت باياناتى» ماقۇللاندى.
«رىئېۋكس خىتابنامىسى» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە مۇھىت قوغداش بىر - بىرىگە باغلىق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر مۇھىت ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يـېـڭـى، بـاراۋەر خەلقئارا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.