ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانى
تەبىئەتنى قوغداش
ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانى1970 - يىلىدىكى بىرلەشكـەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ16 - نۆۋەتلىـك يىغىنىدىكى قارارىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان خەلقئارا خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىشىپ، ئېكولوگىيىنى تەتقىق قىلىدىـغان ئۇنىۋېرسال پىلان.
ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ بىئوسفېرانى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىدۇ، ھالبۇكى، بىئوسفېرا ئۆزىنىڭ ئىـچـكـى قانۇنىيىتى بويىچە ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار قارىغۇلارچە ئىش كۆرسە، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان كىسلاتالىق يامغۇر، پارنىك ئېففېكتى قاتارلىقلار دۇنياۋى مۇھىت مەسىلىسى بولـۇپ قالدى. ھازىر ئىنسانلار بىئوسفېرادا ياشاش، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن بىئوسفېرا بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.
ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئاساسىي نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي تېخنىكا تەتقىقاتىنى بىرلەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار بىلەن تـەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، بىئوسفېرا ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئوخشاش بولـمـىـغـان ساھەلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيىسىـنـى تـەتـقـىـق قىلىش، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ بىئوسفېرا ھەمدە ئۇنىڭدىكى بايلىققا بولغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش ئارقىلىق، بىئوسفېرا بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىرسىيەت گېنىنىڭ كۆپ خىللىقىنى سـاقلاش، ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئىلمىي ئاسـاس بىلەن تەمىنلەش.
ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانىغا جەمئىي14 تەتقىـقـات تـۈرى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدا30 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن «ئادەم ۋە بىئوسفېرا خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى» نىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ماسلاشتۇرۇش، دۇنيا بىئوسفېرانى قوغداش رايونى تورىنى قۇرۇش، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئاخبارات ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللەش، تۈرلۈك تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلار يولغا قويۇلىدۇ.
ھازىر100 نەچچە دۆلەت ۋە رايـون ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانىغا قاتناشتى،10 مىڭدىن ئارتۇق ئالىم تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشـتـى، تەتقىقات تېمىسى1000 دىن ئاشتى. ئوخشاش بولمىغان ۋەكىللىككە ئىگە بىئوسفېرانى قوغداش رايونىدىن200 نەچچىسى بارلىققا كېلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك بىئوسفېرانى قوغداش تورى شەكىللەندى.
ئېلىمىز1972 - يىلى ئادەم ۋە بىئوسفېرا پىلانىغـا قاتناشتى ھەمدە ئىزچىل تۈردە «ئادەم ۋە بىئوسفېرا خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى» گە ئەزا دۆلەت بولۇپ كەلدى؛ ئېلىمىزدە يەنە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم ۋە بىئوسفېرا دۆلەتلىك كومىتېتى قۇرۇلدى.