UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنى قوغداشئىككى خىل شەكىلدىكى ئىگىلىك

ئىككى خىل شەكىلدىكى ئىگىلىك

تەبىئەتنى قوغداش ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىشتا تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىشقا موھتاج. ھالبۇكى، تەبىئىي بايلىق چەكلىك. بۇ زىددىيەتنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، كېلەچەكتە بىر خىل يېڭىچـە ئىگىلىك شەكلىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس ك. ئې. بوۋلدىنگ بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى خىل ئىگىلىك ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرى، تەبىئەتنى تالان - تاراج قىلىدىغان ۋە بۇزىدىغان ھازىرقى ئىگىلىك شەكلى، بۇ «پادىچى بالا شەكلىدىكى ئىگىلىك» دەپ ئاتالدى؛ يەنە بىرى، كەلگۈسىدە بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك ئەندىزە بولۇپ، «ئالەم كېمىسى شەكلىدىكى ئىگىلىك» دەپ ئاتالدى. «پادىچى بالا شەكلىدىكى ئىگىلىك» ئوبرازلىق ئوخشىتىش بولۇپ، كىشىلەرگە پادىچى بالا پادا باققاندا، پادا بېقىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، يايلاقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن كارى بولماسلىقىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ خىل ئىگىلىك ئاساسلىقى تەبىئىي بايلىقنى كۆپ ۋە تـېـز خورىتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنى يەر شارىنى تۈگىمەيدىغان بايلىق ئامبىرى دەپ قاراپ، چەكسىز دەرىجىدە خورىتىۋېرىدۇ ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ كۆپلەپ توپلىنىشىنى پەيدا قىلىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كۈنسايىن ئېغىرلاشتۇرىدۇ؛ ئۇ، يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى (تەبىئىي بايلىقلارنى خورىتىش) ۋە يۇقىرى ئىستېمال مىقـدارى (تاۋارنى بۇلغانما ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش)نى قوغلىشىشتا ئىپادىلىـنـىـدۇ. «پادىچى بالا شەكلىدىكى ئىگىلىك» ئاساسەن ھازىرقى زامان غەرب ئەللىرىدىكى كاپىتالىستىك ئىگىلىك شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، شۇنىڭغا شەكسىز ئىـشـىـنـىـدۇكـى، بـۇ خـىـل ئىگىلىك ئەندىزىسىنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغانـدا، ئىنسانلار ۋە مۇھىتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىـتـىـگـە ئاپـەت بـولـىـدۇ، ئۇنىڭدىن پـەيـدا بولغان ئىنسانلار بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى زىـددىـيـەت ئاخـىـرىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. بوۋلدىنگ پادىچى بالا شەكلىدىكى ئىگىلىكنىـڭ ئورنىغا «ئالەم كېمىسى شەكلىدىكى ئىگىلىك» دەسسەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئالىملار ئالەم كېمىسىنى لايىھىلىگەندە، ئۇچار كېمىدىكى بوشلۇق، ئۇنىڭغا قاچىلانـغـان قورال - جابدۇق ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ھاۋا كېمىسىگە دېگۈدەك ھېچقانداق كېرەكسىز نەرسە قاچىلانمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ تەرەتلىرىمۇ بىر تەرەپ قىلىش، پاكىزلاش ئارقىلىق ئۇچقۇچىلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوكسىگېن، سۇ ۋە تۇزغا ئايلاندۇرۇلـۇپ، يەنە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئايلىنىش ئالەم كېمىسىدە ياخشى سۈپەتلىك ئېكولوگىيىلىك سىستېما شەكىللەندۈرىدۇ. «ئالەم كېمىسى شەكلىدىكى ئىگىلىك» مانا مۇشۇ ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىدىيىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدا، يەر شارى غايەت زور ئالەم كېمىسى دەپ قارىلىدۇ، ئېنېرگىيىدە قۇياشقا تايانغاندىن باشقـا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ماددىي ئېھتىياجى مۇكەممەل ئايلىنىش ئارقىلىق قاندۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنىڭ سىرى يەر شارىنىڭ ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما بولغانلىقىدا. يەر شارى قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن كۈنلەپ - كۈنلەپ، يىللاپ - يىللاپ ماددىنى دەۋرىيلىك ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بىرنەرسە تولۇقلاش ھاجەتسىز، ئۇنىڭدا ئوشۇقچە كېرەكسىز ماددىمۇ يوق. يەر شارىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بار. ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ماددا ئايلىنىش داۋامىدا نامايان بولىدۇ. ئالەم كېمىسى ئىگىلىكى مانا مۇشۇ خىل ئېكولوگىيىلىك قاراشنـى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئىگىلىك ئەندىزىسىگە تەتبىقلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيە قائىدىلىرى بويىچە ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان، كېرەكسىز ماددا ئىشلەپچىقارمايدىغان، تەبىئىي بايـلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان، بۇلغانما ئىشلەپچىقارمايدىـغـان ئىگىلىك ياكى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىر خىل بېكىنمە تىپتىكى ئىگىلىك سىستېمىسى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى ئىنتايىن مۇكەممەل ماددا ئايلىنىش ۋە يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. «ئالەم كېمىسى ئىگىلىكى» ئىنسانلاردىن ئۆزىدىكى تەبىئەتنى بويسۇندۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دېگەن پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىش، ئادەم بىلەن تەبىئىي مۇھىتنى ئورگانىك مۇناسىۋەتتىكى سىستېما، يەنى ئادەم − تەبىئەت سىستېمىسى دەپ قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنى قوغداش