دۇنيا مۇھىت كۈنى
تەبىئەتنى قوغداش
1972 - يىل6 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىـت يىغىنىدا مەشھۇر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى. شۇ يىلقى27 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلغان كۈنى ــــ6 - ئاينىـڭ5 - كۈنىنى دۇنيا مۇھىت كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى.
دۇنيا مۇھىت كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىلىـرى مۇھىت مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان مۇھىـم بـايـرام، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنـى تـەشـۋىـق قىلىدىغان تەشۋىقات كۈنى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى ۋە «ئىنسانلار مۇھىت خىتابـنـامـىـسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى.27 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ھەر يىلى6 - ئاينىڭ5 - كۈنى ياكى6 - ئاينىڭ5 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر سىستېمىسـى ھەمدە ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنـى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى تەلەپ قىلدى، ھەر يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنىدە ئېنىق بىر ئاساسىي تېما بولىدۇ.
ئۆتكەن يىللاردىكى «دۇنيا مۇھىت كۈنـى» نىڭ ئاساسىي تېمىسى تۆۋەندىكىچە:1974
- يىلى بىرلا يەر شارى بار1975
- يىلى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق ماكانى1976
- يىلى سۇ − ھاياتلىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى1977
- يىلى ئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ چېكىنىشـى ۋە قالايمىقان ئورمان كېسىش ئەھۋاللىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش1978
- يىلى بۇزغۇنچىلىقتىن خالىي تەرەققىيات1979
- يىلى بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن − بۇزغۇنچىلىقتىن خالىي تەرەققىيات1980
- يىلى يېڭى10 يىل، يېڭى خىرىس − بۇزغۇنچىلىقتىن خالىي تەرەققىيات1981
- يىلى يەر ئاستى سۈيى ۋە ئىنسانلار ئوزۇق زەنجىرىنى ساقلاش، زىيانلىق خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش1982
- يىلى ستوكھولم ئىنسانلار مۇھىت يىغىنىنىڭ10 يىللىقىنى خاتىرىلەش − مۇھىت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش1983
- يىلى زىيانلىق كېرەكسىز ماددىلارنى باشقۇرۇش ۋە بىر تـەرەپ قىلىش، كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش1984
- يىلى قۇملىشىش1985
- يىلى ياشلار، نوپۇس، مۇھىت1986
- يىلى مۇھىت ۋە تىنچلىق1987
- يىلى مۇھىت ۋە ئولتۇراق ماكان1988
- يىلى مۇھىتنى ئاسراش، سىجىل تەرەققىيات، جامائەتچىلىك قول سېلىپ ئىشلەش1989
- يىلى دىققەت، يەر شارى ئىسسىماقتا1990
- يىلى بالىلار ۋە مۇھىت1991
- يىلى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىغا موھتاج1992
- يىلى بىرلا يەر شارى بار − كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش1993
- يىلى نامراتلىق ۋە مۇھىت − قاباھەتلىك ئايلىـنىشتىن قۇتۇلۇش