UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنى قوغداشنوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش

نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش

تەبىئەتنى قوغداش ھازىرقى41 يىلدا بىر قېتىم قاتلىنىش بويىچە ھېسابلىغاندا،700 يىلدىن كېيىن دۇنيا ئاھالىـسـى1 كۋادرىللىئونغا يېتىدۇ. ئۇ چاغقا بارغاندا تاغ تىزمىلىرى، قۇملۇقلار ئادەم بىلەن تولۇپ، كىچىككىنە بوشلۇقمۇ قالمايدۇ. »بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار.« بىئولوگلارنـىـڭ ھېسابلىشىغـا قارىغاندا، يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئېنېرگىيىگە سۇندۇرغاندا، تەخمىنەن80 مىليارد ئادەمنى باققىلى بولىدىكەن، لېكىن ئىنسانلار پايدىلىنالايدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈملۈك ئومۇمىي سانىنىڭ ئاران %1 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر شارىدىكى يېمەكلىكلـەرنـىـڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىمۇ8 مىليارد ئادەمنىلا قامدىغىلى بولىدۇ. ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ زېمىن بايلىقى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتـارلـىـق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەھلىلىگە قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ مۇۋاپىق نوپۇس ئومۇمىي سانى650 مىليوندىن700 مىليونغىچە بولسا بولىدۇ. مۇشۇ نىشان بويىچە بولغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى نوپۇسى400 مىليون ئېشىپ كەتتى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى قاتتىق تىزگىنلەش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغـا قويۇش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بەخت - سائادىتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇش، بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلەتكىلى، سەككىز - توققۇز يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى مۇۋاپىق چەككە (سەۋىيىدە) مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش بىلەن بـىـر ۋاقىتتا، يەنە نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، جۈملىدىن سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەش، تەلىم - تەربىيە سەۋىيىسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيىسـى قاتارلىقلارنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنى قوغداش
نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش | UyghurWiki | UyghurWiki