تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار
تەبىئەتنى قوغداش
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ دۆلەت زېـمىنىدا ئىگىلىگەن كۆلىمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىر دۆلەتنىـڭ تەبىئەتنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە پەن - مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون دېگىنىمىز، بىر دۆلەتنىڭ تەبىئىي مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋەكىللىككە ئىگە تەبـىئىـي مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىلىك سىستېما، ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش ئورنى، مۇھىم تەبىئىي تارىخىي خارابىلەر ھەمدە مۇھىم سۇ مەنبەسى بەلۋاغلىرى قاتارلىقلارنى ئايرىپ قـوغدايدىغان تەبـىئىي رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئېكولوگىيىسى قوغدىلىدىغان رايون، بىئوسفېراسى قوغدىلىدىغان رايون، ئالاھىدە تەبىئىي ئوبيـېكـتلار قوغدىلىدىغان رايون؛ دۆلـەت باغچىسى، تەبىئەت باغچىسى، ئورمان باغچىسى، دېڭىز - ئوكيان باغـچىسى؛ دەرەخ كېسىش چەكلەنگەن رايون، بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن رايون، ئوۋ ئوۋلاش چەكلەنگەن رايون؛ مۇزلۇق ئىزلىرى، ئارىشاڭ، تاشقاتما توپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەبىئىيلىكنى قوغداش تەبىئىي مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى، ئاساسىي جەھەتتىن ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرغان ياكى ئىنسانلار پائالىيىتـى ئازراق تەسىر كۆرسەتكەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى چاڭبەيشەن تېغى مۆتىدىل بەلۋاغ تاغلىق رايونى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون؛ ئىككىنچى، ئىنـسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، لېكىن بەلگىلىك ۋەكىللىك خاراكتـېرگە ئىگە تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى قوغداش، ئەسـلىگە كەلتۈرۈش، مەسىلەن، يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا ئورمىنى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىـغـان رايون؛ ئۈچىنچى، پەۋقۇلئاددە قىممەتكە ئىگە ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنـى قوغداش، مەسىلەن، ئەتىۋارلىق ھايۋانات، مەدەنىيەت خارابىلىرى، تاشـقاتما چىقىدىغان جاي ۋەھاكازالار.
دۇنيادا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ بەرپا قىلىـنـىشى100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە.1872 - يىلى، ئامېرىكىدا تۇنجى تەبىئىـيلىكى قوغدىلىدىغان رايون − سېرىق تاش باغچىسى بەرپا قىلىندى.1948 - يىلى، خەلقئارا تەبىئىيلىكنى قوغداش بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبـارەن، تۈرلۈك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار دۇنيا دائىرىسىدە ئۈزلۈكـسىز بارلىققا كەلدى. ھازىر، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار كۆلىمى دۆلەت تۇپرىقى ئومۇمىي ھەجمىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيـدىغانلاردىن ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كېنىيە قاتارلىقلار بار.
ئېلىمىزنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلىرى1956 - يىلىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئايرىپ بېكىتىلدى.1993 - يىلىغا كەلـگەندە، مەملىكەت بويىچە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن600 نەچچىسـى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ كۆلىمى50 نەچچە مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، دۆلەت زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىـلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن80 ى بار. ئېلىمىزدىكى تۇنجى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون پەۋقۇلئاددە تەبىئىي مەنزىرىنى قوغداش ئاساس قىلىنغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دىڭخۇشەن تېغىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تەبىئـيـلىكى قوغدىلىدىغان رايونلىرى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بولۇپ، كۆلىمى45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ؛ مۈشۈكئېيىق قوغدىلىدىغان تۇنجى رايـون سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋاڭلاڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى؛ سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان تۇنجى رايون يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭخابا سۇ مەنبەسى سۇ سىستېمىسىنى قوغداش رايونى؛ بىردىنبىر پەۋقـۇلئاددە گېئومورفولوگىيە قوغداش رايونى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇداليەنچى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى. كىشىلەر ئۇنى «يانار تاغ تەبىئىي مۇزېيى» دەپ ئاتايدۇ.
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغـان رايونلار تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئەسـلىي قىياپىتىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالالايدۇ، ئۇ ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەبىئىي ئامبىرى بولۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنى قوغدايـدۇ، كۆپەيتىدۇ، سىرتتىن كەلتۈرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ھەمدە سۇ، تۇپراقنى ساقلاش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار ئىشلەپچىقىرىش، مائارىپ، داۋالاش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىـم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلىمىزنىڭ چاڭبەيشەن تەبىئىيلىكـى قوغدىلىدىـغان رايونىدا مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان تۈر بـار. ئۇ يـەردە ئۆسكەن قىزىل قارىغاي ئورمىنى خۇددى بىر سۇ ئامبىرىغا ئوخشاش، يامغۇر سۈيىنـى تۇپراق ئىچىدە ساقلايدۇ. بۇ يەردە ئۇدا ئىككى سائەت قارا يامغۇر يېغىپ، يېغىن مىقدارى100 مىللىمېتىرغا يەتسىمۇ، سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى پەيدا بولمايدۇ. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلاردا يەنە نەچچە يۈز خىل تەبىئەت دوختۇرى − پايدىلىق قۇش، پايدىلىق ھاشاراتلار بولغاچقا، شۇنچە كۆپ قارىغاي، شەمشاد، تېرەك، قـېـيىن دەرىخى قاتارلىقلار ھاشاراتلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.