دۇنيا مۇھىتىنى قوغداش تېترالوگىيىسى
تەبىئەتنى قوغداش
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارغا مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇھىملىـقـىـنـى تونۇتتى. ئىنسانلار مۇھىتنى ئاسراش جەھەتـتـە تـىـزگـىـنـلـەش، تـۈزەش، ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاشتەك تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى.
تىزگىنلەش دېگىنىمىز، بۇلغانما مەنبەسىنى تىزگىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن يېقىنقـى زامان سانائىتى تـېـز تەرەققىي قىلدى، نەتىجىدە، مۇھىت بۇلغاندى. ئەينى چاغدا، كىشىلەر بۇلغىنىش يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن بۇلغانما مەنبەسى ھەمدە بۇلغانمىلارنى چىقىرىش مىقدارىنى تىزگىنلەپ، بىرقـەدەر پـاسـسىپ ھالەتنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغالدى، ئىجتىمائىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسەيدى.
تۈزەش دېگىنىمىز، بۇلغىنىشنى تۈزەشنى كۆرسىتىدۇ.20 - ئەسىرنىـڭ60 - يىللىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئاپـەت يـۈز بېرىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش تەخىـرسىـز ۋەزىپىگە ئايلاندى. سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت، قانۇن - پەرمانلارنـى ئېلان قىلدى ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇئەيـيـەن ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھالبۇكى، تۈزەش ماھىيەتـتـىـن يـاخـشـىلاش چارىسى ئەمەس، پەقەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى، خالاس.
ئالدىنى ئېلىش دېگىنىمىز، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈزەش بىرلەشتۈرۈلگەن، ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش تەدبىرىدۇر. ئىنسانلار مۇھىتنى ئاسراش داۋامىدا جەزمەن دۇنياۋى بىرلەشـمـە ھەرىـكـەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.70 - يىللاردىن ئېتىبـارەن ھەر خىل تىپتىكى دۇنياۋى مۇھىت ئاسراش يىغىنلىرى كۆپ قېتىم ئېچىلدى ھەمدە بىر قاتار خەلقئارا مۇھىت ئاسراش خىتابنامىسى، ئەھدىنامىسى ۋە كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.70 - يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن بۇيان، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى سانائەتتىكى بۇلغىـنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىن تەبىئىي بايلىقنى قوغداشقا كېڭەيدى.1980 - يىل3 - ئايدا، ئېلىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر دۇنيا جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش ھەققىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت − »دۇنيا تەبىئىي بايلىقىنى قوغداش پروگراممىسى«نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى يولغا قويۇپ، ئىنسانلارغـا ئورتاق بولغان بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىندى.
پىلانلاش دېگىنىمىز، مۇھىتنى ئومۇمـىي جەھەتتىن پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.80 - يىللاردىن ئېتىبارەن نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇھىت قوغداشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى »ئۈچىنچى ئەۋلاد مۇھىـت«نى بەرپا قىلىشقا قاراتتى. »ئۈچىنچى ئەۋلاد مۇھىت« بەرپـا قىلىش دېگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىدا ئازادىلىكـكـە ئىنتىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، تـەبـىئىـي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىش ۋە مۇھىت ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈشتـىكى يىراق كەلگۈسى سىياسەتلىرىنى تـۈزۈپ، ئادەم بـىلەن مۇھىـتـنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا مۇھىت قوغداش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر »ئالدى بىلەن بۇلغاپ، ئاندىن تۈزەش«تەك ئەگرى يولغا ماڭدى، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى تەبىئىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئېلىمىزنىڭ مۇھىـتنى قوغـداشتىكى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، »ئۈچنى تەڭ ئىشلەش« (ئىقـتىسادىي قۇرۇلۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشىنـى تەڭ پىلانلاش، تەڭ يولغا قويۇش، تەڭ تەرەققىي قىلـدۇرۇش) ۋە »ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش« (ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە مۇھىت ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈش)نى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مۇھىتنى قوغداش مۇناسىۋىتىنى بىر تـەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، سانائەت بۇلغىـنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، شەھەر مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە روشەن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بىراق، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىقـقـا ئۇچرىشى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل.