UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنى قوغداشجۇڭگو قۇشلارنى سۆيۈش ھەپتىلىكى

جۇڭگو قۇشلارنى سۆيۈش ھەپتىلىكى

تەبىئەتنى قوغداش 1981 - يىل9 - ئايدا گـوۋۇيـۈەن ھەر يـىـلـى4 - ئايدىن5 - ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر ھەپتىنى «قۇشلارنى سۆيۈش ھەپتىلىكى» قىلىپ بېكىتىشنى بەلگىلىدى. قۇشلارنىڭ تارىخى ئىنسانلارنىڭ تارىخىدىنمۇ ئۇزاق. يەر شارىدىكى قۇشلار ئۈزگۈچى قۇشلار، سۇ كېچىدىغان قۇشلار، ياماشقۇچى قۇشلار، كەپتەر - پاختەكلەر، بۆدۈنە - توخۇلار، يىرتقۇچ قۇشلار، تاغ تورغىيى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىـدۇ. ھازىر دۇنيا بويىچە قۇشلاردىن تەخمىنەن8600 خىلى بار. قۇشلار ئەڭ ئاينىغان مەزگىلدە دۇنيادا قۇشلاردىـن تەخمىنەن1 مىليون600 مىڭ خىلى بولغان. ھازىـر ئېلىمىزدە1175 خىل قۇش بار. ئۇلار تەخمىنەن دۇنيادىكى قۇشلارنىڭ %13 ىدىن كۆپـرەكـىـنـى ئىگىلەيدۇ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە قۇش تۈرى ئەڭ كۆپ دۆلەت. قۇشلارنى سۆيۈش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. ئەنگلىيىنىـڭ لوندون شەھىرىدە چوڭلار ياكى بالىلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇشلارنى ئۆلتـۈرمـەيـدۇ، بەلكى ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، نـېـپـالـنـىـڭ كاتماندۇ دېگەن يېرىدە قاغىلار كوچىلاردا ئەركىن - ئازادە يۈرىدۇ، ئاپتوموبىـللارمۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ؛ قۇش پادىشاھلىقى سىرى لانـكـىـنـىـڭ پايتەختى كولومبونىڭ كوچىلىرىدىكى دەرەخلەردە نۇرغۇن قۇش ئۇۋىلىرى بار، قۇشلار ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئۇچۇپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ. دۇنيا بويىچە20 نەچچە دۆلەتتە دۆلەت قۇشى تاللاپ بېكىتىلدى، ياپونىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە قۇش بايرىمى بەلگىلەندى. كىشىلەرنىڭ قۇشلارنى ياقتۇرۇشى قۇشلارنىڭ تەبىئەتكە چەكسىز ھاياتلىق بېغىشلايدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چەكسىز شادلىق ئاتا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇشلار ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا پايدىلىق. مەسىلەن، كاككۇكـنىڭ «باھارنىڭ ئەلچىسى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، بىر دانە كاككۇك بىر يىلدا قارىغاي تۈكلۈك قۇرتىدىن50 نەچچە مىڭنى يەيدۇ؛ تاغ قۇشقىچى «باغنىـڭ قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، بىر دانە تاغ قۇشقىچىنىڭ بىر كۈندە تۇتۇپ يـېـگـەن زىيانلىق ھاشارىتى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ؛ مۈشۈكياپـىلاق «چاشقان تۇتۇش ماھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر يـازدا1000 دانە ئېتىز چاشقىنىنى تۇتۇپ،1 توننا ئاشلىقنى ساقلاپ قالىدۇ؛ تۆمۈرتۇمشۇقنىڭ «ئورمان دوختۇرى» دېگەن نامى بار، بىر جۈپ تۆمۈرتۇمشۇق500 مو ئورماننى ھاشاراتنىڭ زىيانداشلىـقـىدىن ساقلايدۇ؛ سېغىزخاننىڭ1 يىللىق ئوزۇقىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى زىيانداش ھاشاراتلار ئىگىلەيدۇ؛ بىر ئۇۋا قارلىغاچنىڭ ياز پەسلىدە يېگەن چېكەتكىسىنى ئۇلىغاندا ئۇزۇنلۇقى3 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بـەزى قـۇشلار زىيانداش ھاشاراتلارنى يېمەيدۇ، لېكىـن ئۇلار گۈل چېڭـى، دەرەخ ئۇرۇقلىرىنى تارقاتقۇچىلاردۇر. ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدىغان نېكتار قۇشى دائىم گۈللۈكلەر ئىچىدە ئۇچۇپ، گۈل چېڭى توشۇش رولـىـنى ئوينايدۇ. قۇشلار تەبىئەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئىنسانلارنىڭ دوستى. ئەگەر يەر شارىدا قۇشلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە، تـەبـىئەت قۇشلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللۇق جانلىق كەيپىياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئىـنـسـانلار ھالاك بولىدۇ. قۇشلارنىڭ نەسلى قۇرۇغاندىن كېيىن، ھاشـارات، ئۇششاق جانىۋارلار ھە دەپ كۆپىيىدۇ، ئورمان، يايلاقلار قـۇرۇپ كېتىدۇ، يەر شارىدىكى ھايۋانات ھەمدە ئىنسانلار بايلىقتىن، ئوزۇقلۇقتىن مـەھرۇم بولىدۇ. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلـىـدىـن، قۇشلار بايلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا، ئۇلارنىڭ تۈرى، سانى بارغانسېرى ئازايماقتا. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، يەر شارىدا90 خىل قۇشنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا، قۇشلارنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنى قوغداش