سۈنئىي بىئوسفېرا تەجرىبىسى
تەبىئەتنى قوغداش
ئامېرىكا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر1991 - يىل9 - ئاينىڭ26 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىككى يىل ئىچىدە سۈنئىي بىئوسفېرا تەجرىبىسىنى ئېلىپ باردى. ئەر - ئايال سەككىز ئالىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەينەك ۋە پولات قۇرۇلمىدىن ياسالغان،1 .3 ئاكر (ئىنگلىزموسى) چوڭلۇقتىكى سۈنئىي كىچىك دۇنياغا كىرىپ، ئىككى يىللىق ئېكولوگىيە تەجرىبىسى ئىشلىدى. ئۇلار بىر دانە فاكىس ئاپپاراتى ۋە ئېلېكتر قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلەنگەندىن باشقا، تاشقى دۇنيادىن تامامەن ئايرىۋېتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولمىغان ئەھۋالدا، ھېچقانداق ئادەمنىڭ بۇ جايدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. بۇ تەجرىبە «بىئوسفېرا Ⅱ» دەپ ئاتالدى.
»بىئوسفېرا Ⅱ« بەئەينى غايەت زور «ئېكولوگىيە شارى» غا ئوخشايدۇ، كېمىر (ئەگمە) شەكىللـىـك ئەينەك ئاستىدا3800 خىل ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆل، قۇملۇق، ئورمان، سازلىق، يايلاق، ئېتىز، بىنا ھەمدە سۈنئىي شامال، يامغۇر پەيدا قىلىدىغان قۇرۇلمىمۇ بار. سەككىز ئالىم ئىككى يىل ئىچىـدە ئۆزلىرى ئۆي قـۇشـلـىـرى ۋە چارۋىلارنى بېقىش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئارقىلىقلا تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ. بۇ جايدا ھېچقانداق نەرسە ئىسراپ قىلىنماي، دەۋرىي ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئادەم ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى چىقىرىدۇ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولـى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ھەرقانداق دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، زىرائەتلەردە كېسەللىك ھاشاراتلارنىڭ زىيانداشلىقى كۆرۈلسە، خانقىز، سېرىق ھەرە ئارقىلىق بىئولوگىيىلىك تەدبىر كۆرۈلىدۇ.
بۇ بىئوسفېرادا ئالىملار ئېكولوگـىـيـىلىك مۇھىتنى قاتتىق تىزگىنلەيـدۇ. ئەگەر ئوتخور ھايۋانلار كۆپىيىپ كەتسە، ئوتلاقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئوتخور ھايۋانلار ئۆلتۈرۈلىدۇ، بىر خىل ئۆسۈملۈك يوقالسا، ئۇلار تەجرىبە نەيچىسىدە ساقلانغان ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ قايتىدىن يېتىشتۈرىدۇ. ئالىملار زور مىقداردىكى تەجرىبە ئارقىلىقلا تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ، مۇھىتنى پاكىزلىيالايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا، ئېكولوگىيىلىك كرىزىس پەيدا بولىدۇ.
«بىئوسفېرا Ⅱ» تەجرىبىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەپسۇسكى،1993 - يىلىغا كەلگەندە، ئالىملار بۇ تەجرىبىنىڭ مەغلۇبىيەتـكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ پاكىت كىشىلەرگە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرىدۇكى، يەر شارى ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر ماكانى، ئۇنى قايتا بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ ئوبدان قوغدىشىمىز كېرەك.