مۇھىت خىتابنامىسى
تەبىئەتنى قوغداش
مەشھۇر «ئىنسانلار مۇھىت خىتابنامىسى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1972 - يىل6 - ئايدا شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا چـاقـىـرغـان ئىنسانلار مۇھىتى يىغىنىدا ماقۇللاندى. ئۇ، مۇھىتنى قوغداشتىكى بىر دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ھۆججەت، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
«ئىنسانلار مۇھىت خىتابنامىسى» نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى خىتابنامىسى»، ئۇ يەنە «ستوكھولم خىتابنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خىتابنامىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يەكۈنلەنگەن يەتتە ئورتاق قاراش ۋە26 ماددىلىق ئورتاق پرىنسىپ تەنتەنىلىك جاكارلاندى.
يەتتە ئورتاق قاراش تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ئادەم مۇھىتنىڭ ھاسىلاتى، شۇنداقلا مۇھىتنى ياراتقۇچى. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار مۇھىتنى مىسلىسىز كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئىككىنچى، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، ئۇ يەنە خەلـقـنىڭ تەقەززاسـى، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئۈچىنچى، ئىـنـسـانلارنىڭ مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىدىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، خەلققە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ؛ ئەگەر مۇۋاپىق پايدىلانمىغاندا، مۆلـچـەرلىگۈسىز زىيان پەيدا قىلىدۇ. يەر شارىدا مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈشنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن بېشارەتلەر كۆرۈلدى، سۈنئىي مۇھىت، بولۇپمـۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىدا ئادەم بەدىنى ساغلاملـىـقىغا زىيانلىق زور نۇقسانلار بارلىققا كەلدى. تۆتىنچى، تەرەققىي قىلىۋاتقـان دۆلەتلەر ئالـدى بىلەن تەرەققىياتقا كۈچ سەرپ قىلىشى، شۇنداقلا مۇھىتنـى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكـى مۇھىت مەسىلىسى سانائەت ۋە تېخنىكا تەرەقـقىياتى تۈپەيلى پەيدا بولغان. بەشىنچى، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇھىت مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى، ئۇنى مۇۋاپىق فاڭجېن ۋە تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، بۈگۈنكى تارىخىي باسقۇچتا كىشىلەردىن پىلانلىق ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇھىتقا پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ئىنسانلار تەبىئەت دۇنيـاسىدا ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن بىلىمدىن پـايـدىـلـىـنىپ، تەبىئەت بىلەن ماسلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك. يەتتىنچـى، مـۇشـۇ مۇھىت نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەربىر پۇقرا، كـولـلېكتىپ، ئورگان ۋە كارخانىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە كەلگۈسىدىكـى دۇنيا مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. شۇڭا، ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى كەڭ دائىرىدىكى مۇھىت سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىدە ئالاھىدە زور مەسئۇلىيەتكە ئىگە.