گوتچە چېركاۋ − پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى
تاش پۈتۈك
ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپادا، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھوقۇقى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، چېركاۋلار ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلاردىن بولۇپ قالغان. فرانسىيىدە13 - ئەسىردىن15 - ئەسىرگىچە گوت ئۇسلۇبىدىكى بىر خىل ھەشەمەتلىك، كاتتا قۇرۇلۇشلار بىنا قىلىنغان.
پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى دۇنيا بويىچە تۇنجى تىپىك گوتچە چېركاۋ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا بىر جۈپ سائەت مۇنار ياسالغان، ئاساسلىق دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە كاتتا ئەتىرگۈل دېرىزىسى قويۇلغان. ئوتتۇرىدىكى زالنىڭ ئۈستى تەرىپى100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇچلۇق مۇناردۇر. تۈۋرۈكلەر مۇستەھكەم ۋە ئېگىز بولۇپ، بىنانىڭ ئەگمىلىرى ياكى گۈمبەزلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئوتتۇرىدىكى زال تار، ئېگىز، ئۇزۇن قىلىپ سېلىنغان. چېركاۋغا سىرتتىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئېگىز گەۋدىسىگە ئۆگزىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان سائەت مۇنار بىلەن ئۇچلۇق مۇنار قوشۇلۇپ، ئادەمگە پۈتكۈل ئىمارەت خۇددى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. چېركاۋغا كىرگەندە، سان - ساناقسىز تىك سىزىقچىلار كۆزگە چېلىقىدۇ، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى گۈمبەزلەر غۇۋا نۇر ئاستىدا تېخىمۇ سۈرلۈك چاقناپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا بىر خىل سىرلىق دىنىي تۇيغۇ قوشۇلۇپ، كىشىگە خۇددى ئۇنىڭ ئۈستى غايىۋى جەننەتتەك بىلىنىدۇ. پۈتكۈل چېركاۋ «پەرۋەردىگار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان» جايدەك كۆرۈنىدۇ.
پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى تولىمۇ ھەشەمەتلىك، كاتتا بېزەلگەن. سىرتتىن قارىغاندا، سان - ساناقسىز ئويما بېزەكلەر پۈتكۈل چېركاۋنى ھاۋا بوشلۇقىدىكى زور تاش سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئىچىدىن قارىغاندا، نەزىر - چىراغ سۇپىسى، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇش سۇپىسى، پەردىلەر تولىمۇ نەپىس ياسالغان بولۇپ، ئۈنچە - مەرۋايىتلار يالتىراپ تۇرىدۇ. رەڭلىك ئەينەك سېلىنغان ئاجايىپ چوڭ دېرىزىلەردە ئىنجىل ھېكايىلىرىدىكى رەسىملەر ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار قۇياش نۇرىدا رەڭگارەك »جەننەت مەنزىرىسى« نى نامايان قىلىدۇ.
دىنىي جەمئىيەتلەر چېركاۋلارنى كۈچىنىڭ بارىچە سىرلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ بىنا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدەك بۇنداق چوڭ چېركاۋلار ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدىكى شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىپ روناق تاپقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.