رىم جەم ئىلاھ ئىبادەتخانىسى
تاش پۈتۈك
مىلادىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى ئۆزىنىڭ قۇدرەت تېپىپ كۈچەيگەنلىكىنى نامايان قىلىش، پادىشاھنىڭ تۆھپىلىرىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بىرمۇنچە قۇرۇلۇشلارنى قىلغان، بۇ قۇرۇلۇشلار ئۆزگىچە ئەگمە ۋە گۈمبەز شەكىللىك قۇرۇلمىسى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. رىم جەم ئىلاھ (جىمى ئىلاھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىبادەتخانىسى مۇشۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
جەم ئىلاھ ئىبادەتخانىسى يۇمىلاق بىر دۇئا - تىلاۋەتخانا بىلەن بىر پېشايۋاندىن تەشكىل تاپقان. پېشايۋاننىڭ شەكلى يۇنان ئىبادەتخانىلىرىنىڭكىگە تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇدۇل تەرەپتە سەككىز تال تۈۋرۈكى بار، تۈۋرۈك بېشى ئاق مەرمەر تاشتىن، تۈۋرۈك گەۋدىسى سىلىقلانغان قىزىل گرانت تاشتىن ياسالغان. يۇمىلاق شەكىللىك دۇئا - تىلاۋەتخانا گۈمبىزىنىڭ دىئامېتىرى4 .43 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى2 .6 مېتىر كېلىدۇ، تامغا چۈشىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، تامنىڭ ئىچى كاۋاك قىلىپ سېلىنغان، گۈمبەزنىڭ چوققىسىغا ناھايىتى نۇرغۇن كۇبسىمان ئويۇقچىلار ئويۇلغان. تىلاۋەتخانىنىڭ ئىچى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بېزەلگەن، تېمىنى بويلاپ بۇت تەكچىلىرى، ئىلاھ ھەيكەللىرى ۋە نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان تۈۋرۈكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەرگە ھەر خىل رەڭدىكى مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلۇپ نەقىش ھاسىل قىلىنغان، گۈمبەزنىڭ چوققىسىدىن دىئامېتىرى23 .8 مېتىر كېلىدىغان بىر تۈڭلۈك ئېچىلغان، مۇشۇ بىردىنبىر تۈڭلۈكتىن چۈشكەن قۇياش نۇرى تىلاۋەتخانىنى تېخىمۇ گۈزەل، رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ.