UyghurWiki
UyghurWikiتاش پۇتۇقئامېرىكا پارلامېنت بىناسى

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى

تاش پۈتۈك 18 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىكى ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، كىشىلەر ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن مۇرەككەپ زىننەتلىنىدىغان ۋە قىممەت مېتاللار ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن بىزار بولۇپ، بىر خىل ئىخچام، ئازادە ۋە يورۇق يېڭى ئۇسلۇب ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرگە، يەنى كلاسسىك توننى كىيدۈرۈپ ئىلغار رولنى ئالىدىغان ئۇسلۇبقا بۇرالدى.1793 - يىلىدىن1807 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى قەدىمكى رىم ئىمارەتلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ سېلىنغان داڭلىق قۇرۇلۇش. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى200 مېتىر، كەڭلىكى37 مېتىردىن100 مېتىرغىچە كېلىدۇ، مەركىزىي قىسىم ۋە ئوڭ قانات، سول قاناتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ. بىنانىڭ مەركىزىدە دىئامېتىرى33 مېتىر كېلىدىغان گۈمبەز ئېگىز چوقچىيىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بار، ئومۇمىي ئېگىزلىكى تەخمىنەن60 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزىدىكى گۈمبەزنىڭ ئاستى تەرىپى تۈۋرۈكلۈك كارىدور، ئىككى تەرىپىگە رىم ئۇسلۇبىدىكى نۇرغۇن تۈۋرۈكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۈچلۈك رىتىمچانلىق ھاسىل قىلىنغان، پۈتكۈل قۇرۇلۇش ماسلاشتۇرۇلغان ۋە بىر تۇتاشلىققا ئىگە قىلىنغان، ناھايىتى ھەيۋەتلىك، يورۇق، ئازادە كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىن «دېموكراتىيە»، «ئەركىنلىك»، «شان - شەرەپ» ۋە «مۇستەقىللىق» كەيپىياتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ بىنا سېلىنغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبىگە ئېرىشكەن بولغاچقا، ئۇ «ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ خاتىرە ئابىدىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ بىنانى سېلىشقا ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد كەتكەن، بىنانىڭ مەركىزىدىكى تورۇسنى قوپۇرۇشقىلا1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان، پۈتكۈل بىناغا ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار پولات قۇرۇلما ئىشلىتىلگەن،5000 توننىغا يېقىن پولات سەرپ قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار تاش پۇتۇق
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى | UyghurWiki | UyghurWiki