رىم ساينت پېتېر چېركاۋى
تاش پۈتۈك
ئۇزاققا سوزۇلغان ئوتتۇرا ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپا14 -،16 - ئەسىرلەردە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دىن، سىياسى، ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە فېئودالىزمغا قارشى چوڭ ئىنقىلاب مەيدانغا كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى ماس ۋە جانلىق بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى رەتلىك، ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جانلىق ئازادە بولۇش، كىشىگە يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىش بولدى. ئۇلاردا قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئىمارەتلىرىدىكى تۈۋرۈك، گىرۋەك، تاغ گۈللىرى ۋە ھەر خىل ئويما نەقىشلەر كەڭ قوللىنىلغان ھەمدە ئوخشاش نىسبەت ۋە ئۆلچەم بويىچە لايىھىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئەقىل - پاراسىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى باشلانغان يەر، ئۇنىڭ بىناكارلىق نەتىجىلىرىمۇ ناھايىتى مول.1420 - يىلىدىن1470 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان فلورىنسىيە چېركاۋىنىڭ قۇرۇلمىسىدا گوتچە ئۇچلۇق مۇنار يوق بولۇپ، رىم ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەزلەر قوپۇرۇلغان، بۇ »ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىكى باھار گۈللىرى« دەپ ئاتىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى بىناكارلىق تارىخىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.1506
- يىلىدىن1626 - يىلىغىچە سېلىنغان رىم ساينت پېتېر چېركاۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قۇرۇلۇش، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋدۇر. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى18 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، كرېست شەكلىدە ئۇزۇنىسىغا سېلىنغان. كرېست بەلگىلىك كېسىشكەن يەرنى ئېگىز گۈمبەزسىمان تورۇس قاپلىغان. يەر يۈزىدىن ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا تۇتاشقان كرېستقىچە بولغان ئېگىزلىكى7 .137 مېتىر كېلىدۇ. يۇمىلاق ئۆگزىنىڭ ئايلانمىسى71 مېتىر، دىئامېتىرى34 .42 مېتىر كېلىدۇ. تورۇس ھەر خىل شوخ رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن ھەمدە ئەينەك دېرىزىلەر ئارقىلىق يورۇتۇلغان. بۇ يەردە تۇرۇپ تورۇسقا قارىسا، ئادەم ئۆزىنى خۇددى ئاسمان گۈمبىزىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
چېركاۋنىڭ كارىدورلىرى ۋە ئىچىگە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى نۇرغۇن ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلغان. زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېگىزلىكى29 مېتىر كېلىدىغان ئالتۇن رەڭلىك بىر سايىۋەن بولۇپ، ئۇنى تۆت دانە ئالتۇن يالىتىلغان تۈۋرۈك تىرەپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ئاساسلىق تۈۋرۈككە دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا يۈرگەن كىچىك پەرىشتىلەرنىڭ ئوبرازى ئويۇپ چىقىرىلغان. سايىۋەننىڭ ئاستىغا قانىتىنى كېرىپ تۇرغان بىر ئالتۇن كەپتەرنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان.
چېركاۋنىڭ ئالدى تەرىپى قارا تاش ياتقۇزۇلغان ئېللىپس شەكىللىك مەيدان، مەيداننىڭ ئىككى تەرىپى يېرىم يۇمىلاق تۈۋرۈكلۈك كارىدور بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئىككى قاتار تۈۋرۈكلۈك كارىدور284 دانە يۇمىلاق تۈۋرۈك بىلەن88 دانە چاسا تۈۋرۈكتىن تەشكىل تاپقان، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئېگىزلىكى18 مېتىر كېلىدۇ، ھەربىر تۈۋرۈكتە مەرمەر تاشتىن ئويۇلغان بىردىن ھەيكەل بولۇپ، ئۇلار خۇددى چېركاۋنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان بىر توپ باتۇر لەشكەرگە ئوخشايدۇ.