بابىلون شەھىرى
تاش پۈتۈك
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىردە قۇرۇلغان بابىلون شەھىرى غەربىي جەنۇبى ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان ئېفرات دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قارىماققا چاسا شەكىلدە كۆرۈنىدۇ، چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1300 مېتىر كېلىدۇ. ئىككى قات شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىنى سېپىل خەندىكى ئوراپ تۇرىدۇ. ھەيۋەتلىك شەھەر سېپىلىدا250 مۇنار،100 مىس (برونزا) قوۋۇق بار. بۇ مىس قوۋۇقلار تولىمۇ نەپىس، پۇختا ياسالغان، يەنە كېلىپ ناھايىتى قېلىن ھەم ئېغىر بولۇپ، تۆت ئاتقا تارتقۇزۇپ ئاران مىدىرلاتقىلى بولىدۇ. شىمال تەرەپتىكى ئىشىدا قوۋۇقى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئالدى قوۋۇقى بولۇپ، قوۋۇق ئۈستىگە رەڭلىك ئەينەك ۋە چاقچۇق چاپلىنىپ، ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى ھاسىل قىلىنغان، ئەتراپىغا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان نەقىشلەر ئويۇلغان.
شەھەر يوللىرى ئۆزئارا كېسىشىپ كەتكەن. جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان مەركىزىي چوڭ يولنىڭ بويىغا ئوردا، ئىبادەتخانا، شەھەر قوۋۇقى ۋە شەھەر سىرتى باغچىسى جايلاشقان. خان ئوردىسىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئوردا ئىچىگە بەش قورۇ سېلىنغان، ئاساسىي ساراي ئاشۇ ھويلىلارنىڭ بىرىدە، ساراي تاملىرىغا كۆركەم چىرايلىق خىشلاردىن ھەر خىل نۇسخىلار ئىشلەنگەن. پادىشاھ سەلتەنەت تەختىنىڭ كەينىدىكى تامغا بەئەينى تىرىكتەكلا سىزىلغان بىر جۈپ شىرنىڭ رەسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئوتتۇرىسىدا تۆت دانە تۈۋرۈك بار بولۇپ، تۈۋرۈكلەرگە ئىككى قات گۈلچەمبىرەك ئېسىلغان، ئۈستى چىرايلىق ئوت - چۆپلەر بىلەن بېزەلگەن.
ئوردىنىڭ جەنۇبىدىكى «باغ مۇئەللەق» نىڭ كۆلىمى50 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ ئېگىزلىكى5 .22 مېتىر كېلىدىغان سۈنئىي تۆپىلىككە بىنا قىلىنغان. تۆپىلىكنىڭ ئاستى تەرىپى ئەگمە ئېرىق بولۇپ، گۈل - گىياھلار ناسوس ئارقىلىق سۇغىرىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بابىلوندىكى باغ مۇئەللەق تارىختىكى تۇنجى داڭلىق باغچە بولۇپ، دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ئىكەن.
شەھەردە يەنە يەتتە قەۋەت ئېگىزلىكتە «ئاسمان - پەلەك مۇنار» بار، ئۇ ئەينى چاغدا غەربىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترولوگىيىلىك كۆزىتىش مۇنارى ئىدى.