UyghurWiki
UyghurWikiتاش پۇتۇقرىم دۇئېل مەيدانى

رىم دۇئېل مەيدانى

تاش پۈتۈك قەدىمكى رىمدىكى نۇرغۇن كاتتا ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ئىچىدە، رىم دۇئېل مەيدانى ئەڭ مەشھۇردۇر. بۇ گەرچە شەپقەتسىز كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تولىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان. دۇئېل مەيدانى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى188 مېتىر، كەڭلىكى156 مېتىر كېلىدۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسى ماھارەت كۆرسىتىش رايونى، ئەتراپى پەلەمپەيسىمان كۆرۈش سۇپىسى بولۇپ، تەخمىنەن60 رەت ئورۇن ھازىرلانغان،70 -80 مىڭ تاماشىبىننى سىغدۇرالايدۇ. تاماشىبىنلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا80 ئىشىكتىن كىرىپ، نومۇر بويىچە ئولتۇرىدۇ. كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئەگمە بېتون قۇرۇلمىلىق يول ۋە ئۆيلەر بار. دۇئېل مەيدانىنىڭ سىرتى تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى5 .48 مېتىر كېلىدۇ، تۆت قەۋەتلىك بۇ ھەيۋەت قۇرۇلۇشنىڭ ئاستىنقى ئۈچ قەۋىتى ئەگمە شەكىللىك بوشلۇق بولۇپ، تېشىغا ھەر خىل شەكىلدىكى «قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى تۈۋرۈك» لەر يانداشتۇرۇلغان. بىرىنچى قەۋىتى يوغان، كۈچلۈك كەلگەن «تاسكان ئۇسلۇبىدىكى تۈۋرۈك» لەردىن تەركىب تاپقان، ئىككىنچى قەۋىتى ناھايىتى مەزمۇت «ئىئونى ئۇسلۇبىدىكى تۈۋرۈك» لەردىن تەركىب تاپقان، ئۈچىنچى قەۋىتى نەپىس، ھەشەمەتلىك «كورىنتوس ئۇسلۇبىدىكى تۈۋرۈك» لەردىن تەركىب تاپقان، تۆتىنچى قەۋىتى بولسا تاش تاملارغا تۈۋرۈك چاپلىنىپ قوپۇرۇلغان. دۇئېل مەيدانىدىكى ماھارەت ئادەم بىلەن ئادەم ئېلىشىش، ئادەم بىلەن ھايۋان ئېلىشىش، ھايۋان بىلەن ھايۋان ئېلىشىشتەك ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ، يەنى گلادىئاتورلارنىڭ ئۆزئارا ئېلىشىشى، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشى ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىقتۇر. دۇئېل مەيدانى قۇرۇلغان مىلادىيە82 - يىلىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە،100 كۈندە5000 ياۋايى ھايۋان ئۆلتۈرۈلگەن. بىرنەچچە يۈز گلادىئاتور بۇ ئېچىنىشلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. ئۇزۇنلۇقى86 مېتىر، كەڭلىكى54 مېتىر كېلىدىغان بۇ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىنىڭ يەر يۈزىگە قۇم ياتقۇزۇلغان، بۇ قۇم ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بەدىنىدىن چىققان قانلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. بۇ يەرگە يەنە مەيداننى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلمىلىرى ۋە كېرەكسىز سۇ، يامغۇر سۇلىرىنى چىقىرىۋېتىدىغان يەر ئاستى تۇرۇبىلىرى ئورنىتىلغان. قۇللارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق پۈتكەن بۇ دۇئېل مەيدانى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىنىڭ شەكلىنى كېيىنكىلەر ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلگەن، ھازىرقى زامان تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ ئاساسىي شەكلى ئۇنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاش پۇتۇق