UyghurWiki
UyghurWikiتاش پۇتۇقئافېنا قورغىنى

ئافېنا قورغىنى

تاش پۈتۈك ئافېنا قورغىنى گرېتسىيىدىكى قەدىمكى ئىمارەتلەر ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، ئۇسلۇبى ئېسىل ۋە ماسلاشقان، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئۇ گويا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مۇزىكىغا ئوخشاش، كىشىنى گۈزەللىكتىن بەھرىمەن قىلىدۇ. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى500 - يىلى، گرېتسىيە بىلەن پېرسىيە دېڭىز زومىگەرلىكىنى تالىشىش يولىدا50 يىل ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرىدا گرېتسىيە غەلىبە قىلغان. ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھۆر خەلق (پۇقرا) ۋە قۇللار40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئافېنا قورغىنىنى سېلىپ، ئۇنى ئافېنانى قوغدىغۇچى ئىلاھ − ئافېناغا سوۋغا قىلغان. قورغان ئافېنا شەھىرىدىكى بىر كىچىك تاغلىققا قۇرۇلغان، تۆت ئەتراپى تاش سېپىل بىلەن قورشالغان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن280 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى تەخمىنەن130 مېتىر، قورغاننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى زەيتۇنسىمان شەكىل ھاسىل قىلغان. بۇ جاينىڭ يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، تاغلىقنىڭ70 -80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يېرىدە بىر پارچە چوڭ تۈزلەڭلىك بار، تاش دەرۋازا، نۇسرەت ئىبادەتخانىسى، پارتىنون ئىبادەتخانىسى، ئېرىكسان ئىبادەتخانىسى ۋە ئافېنا ھەيكىلى قاتارلىقلار تۈزلەڭلىكنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. ھەر يىلى ھېيت - بايرام مەزگىلىدە، كىشىلەر بۇ قورغاننى ئايلىنىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلغان. پارتىنون ئىبادەتخانىسى قورغاندىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى46 تال ناھايىتى مەزمۇت دوريانچە ئۇسلۇبتىكى تاش تۈۋرۈكلۈك كارىدور بولۇپ، ئىچى شەرق - غەرب ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. شەرق تەرەپتىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پىل چىشى ۋە گۆھەر تاشلاردىن ياسالغان، كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئافېنا ئايال ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى بار. ئۆينىڭ سىرتىدىكى تاش تامنىڭ ئاستى تەرىپىگە ۋە ئۆگزىنىڭ لەمپىسىگە روشەن، جانلىق قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان. پارتىنون ئىبادەتخانىسىنىڭ شىمالىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئېرىكسان ئىبادەتخانىسى بار. ئىبادەتخانىنىڭ شىمالى، شەرقى ۋە غەربى تەرەپلىرىدە بىردىن ئىشىك ئېچىلغان، ھەربىر ئىشىك ئالدىدا ئاياللارنىڭ نازۇكلۇقى ۋە گۈزەللىكى گەۋدىلەنگەن ئىئونى ئۇسلۇبىدىكى تاش تۈۋرۈكلۈك كارىدور بار. ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبى ئاق مەرمەر تاشلىق تام ۋە ناز قىلىپ تۇرغان قىزلارنىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان ئالتە دانە تۈۋرۈكتىن تەشكىل تاپقان تۈۋرۈكلۈك كارىدوردۇر. شېئىرىي تۈسكە ئىگە بۇ قۇرۇلۇشلار گرېتسىيىنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تاش پۇتۇق