ئەلئېھرام
تاش پۈتۈك
قەدىمكى مىسىرلىقلار روھنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، جەسەتنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ھەر خىل ئاجايىپ خۇش پۇراق ماتېرىياللار ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جەسەتنى ئاسانلىقچە چىرىپ كەتمەيدىغان مۇمىيا قىلىپ ياساپ چىققان. ئەلئېھرام قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى (پادىشاھى) نىڭ مۇمىياسى قويۇلغان قۇرۇلۇشتۇر.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى30 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جىزا دېگەن يېرىگە ئۈچ چوڭ ئەلئېھرام ياسالغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇف ئەلئېھرامى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلئېھرام بولۇپ، ئېگىزلىكى6 .146 مېتىر، ئاستى تەرىپىنىڭ كەڭلىكى4 .230 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى5 .2 توننا كېلىدىغان2 مىليون300 مىڭ پارچە تاش ئىشلىتىلگەن. بۇ تاشلار ئىنتايىن تەكشى قويۇلغان بولۇپ، ئارىسىغا سېمونت لاي بېرىلمىگەن، تاشلارنىڭ ئاراچلىرىغا ھەتتا بىرىتىۋانىمۇ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. پۈتكۈل ئەلئېھرامنىڭ سىرتىغا يەنە سىلىقلانغان ئاق مەرمەر تاش چاپلانغان، قۇملۇقتىكى بۇ ئەلئېھرام رىۋايەتلەردىكىدەك سىرلىق ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، بۇ زور قۇرۇلۇش100 مىڭدىن ئارتۇق قاۋۇل قۇلنىڭ30 نەچچە يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىشى ئارقىسىدا پۈتكەن.1816
- يىلى، كىشىلەر خافرا ئەلئېھرامىنىڭ يېنىدىن قۇملۇقتا4000 يىلدىن ئارتۇق كۆمۈلۈپ ياتقان سفىنكس شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنى بايقىغان. بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ چوڭ تاش ھەيكەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى57 مېتىر، ئېگىزلىكى20 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، پۇتىدىن باشقا قىسمى پۈتۈن (ئۇيۇل) تاشتىن چېكىپ ياسالغان. ھەيكەلنىڭ بەدەن قىسمى ھەيۋەتلىك، يۈز قىسمى ناھايىتى جانلىق كۆرۈنىدۇ، ئۇ ئەلئېھرام بىلەن بىللە دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.