ۋېرسال سارىيى
تاش پۈتۈك
17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس ⅣⅩ تەڭداشسىز ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ، ئۆزىنى «قۇياش پادىشاھ» دەپ ئاتىدى. بۇ مەزگىلدە، فرانسىيە ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ بىنا - ئىمارەتلىرىدىن بىر خىل سەلتەنەت گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.
ۋېرسال سارىيى غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئوردا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىغا23 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، ئۇ ئوردا ۋە گۈللۈكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، قورۇق تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى45 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىمارەتنى ئەينى چاغدا فرانسىيىدىكى ئەڭ داڭلىق بىناكارلار، سەنئەتكارلار ۋە ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر لايىھىلەپ سالغان، قۇرۇلۇش ئورنىدا20 -30 مىڭ ئىشچى ئۈزۈلمەي ئىشلىگەن. ۋېرسال سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئالتە يىلغىچە تاش ماتېرىياللىرىنى باشقا جايلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمىغان.
ئوردىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى580 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى چوقچىيىپ چىققان قىسمى پادىشاھنىڭ تۇرالغۇسى ۋە پائالىيەت سورۇنى، شىمال تەرىپىگە يانداش بىر قاتار زاللار ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدۇر. جەنۇب تەرەپتىكى بىر قاتار چوڭ زاللار خانىشلارنىڭ ياتاق ئۆيى ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىدۇر. جەنۇب ۋە شىمالدىكى باشقا ئۆيلەر شاھزادىلەر، ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىنغان. ئوردىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئۇزۇنلۇقى73 مېتىر، كەڭلىكى7 .9 مېتىر، ئېگىزلىكى13 مېتىر كېلىدىغان بىر چوڭ زال جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، كۆركەم زىننەتلەنگەن، تاملىرىغا ئاق مەرمەر تاش چاپلانغان، سۇس ۋە يېقىملىق مەرمەر تاشلاردىن ھەر خىل رەسىم ۋە شەكىللەر چىقىرىلغان تام تۈۋرۈكلىرى يېشىل مەرمەر تاشتىن ياسالغان، مىستىن ياسالغان تۈۋرۈك باشلىرىغا قېلىن بىر قەۋەت ئالتۇن يالىتىلغان. ئوردىنىڭ غەرب تەرىپىگە17 دانە چوڭ يۇمىلاق ماڭلايلىق دېرىزە ئورنىتىلغان، شەرق تېمىغا17 دانە چوڭ ئەينەك قويۇلغان، ئەينەكلەر نەپىس ئىشلەنگەن جاھازلارغا ئېلىنغان. ئەگمە تورۇسقا رەسىم سىزىلغان.
ئوردىنىڭ شەرق تەرىپىگە چاچما شەكىلدىكى ئۈچ چوڭ يول ياسالغان، بۇ ئادەمگە خۇددى فرانسىيىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى چوڭ يول ئۇدۇل پارىژغا بارىدۇ، داڭلىق ئېلىسې يېزا يولى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئوردىنىڭ غەرب تەرىپى ناھايىتى چوڭ گۈللۈك، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى3000 مېتىر كېلىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق، چوڭ گۈللۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدا كىشىلەر ماتېماتىكا بىلەن گېئومېتىرىيە گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ، ئۆسۈملۈك، گۈل - گىياھلارنى گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرگە كەلتۈرۈپ ياسىغاندا، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا، گۈللۈكتىكى يوللار گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئوت - چۆپلەر، چاتقاللار ھەتتا چوڭ - چوڭ دەرەخلەرمۇ گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدە پۇتاپ ياسالغان. گۈللۈكنىڭ ئوق يولىنى بويلاپ، سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان ئېرىقلار، كۆللەر، چوڭ - كىچىك فونتانلار، سۈنئىي شارقىراتما ۋە جانلىق ھەيكەللەر گىرەلىشىپ كەتكەن، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ گۈزەل مەنزىرە كىشىگە ئارامبەخىش تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. گۈللۈكنىڭ ئىككى تەرىپى كەڭ كەتكەن قويۇق ئورمانلىق، جەنۇب تەرىپىدە تېخى ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ھايۋانلار بېقىلىدىغان ھايۋانات باغچىسى بار.