تاج مەھەل مەقبەرىسى
تاش پۈتۈك
ئىسلام قۇرۇلۇشلىرى كۆپىنچە چاسا قورۇ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسلىقى تاقىسىمان، يالقۇنسىمان، ئۇچلۇق ئەگمە، ئۈچ چەمبەر مەركىزىسىمان دېگەندەك خىلمۇخىل ئەگمە، گۈمبەزلىك قۇرۇلمىلارنى قوللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى تاملىرىغا پۈتۈنلەي نەپىس نەقىشلەر ئىشلىتىلگەن، بۇنداق نەقىشلەرنىڭ بەزىلىرى خىش ياكى تاشتىن ئويۇلىدۇ، بەزىلىرى رەڭلىك پارقىراق خىشلارنى ياپسا قىلىپ تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى سېمونتتىن قۇيۇپ ياسىلىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» دە ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئوبرازىنى نەقىش ئورنىدا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغاچقا، ئىسلام ئىمارەتلىرىدىكى نەقىشلەرنىڭ ھەممىسىگە گۈل - گىياھ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكلى ئىشلىتىلگەن ياكى بولمىسا گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر چىقىرىلغان، ھەتتا ئوردا - مەسچىتلەردىكى ھەيۋەتلىك مېھرابلاردىمۇ مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىدىغان ئاللاھنىڭ مۇقەددەس رەسىمى يوق. »قۇرئان كەرىم« دە يەنە ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئالدى دەرۋازىسىنى مۇقەددەس جاي − مەككە تەرەپكە قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە سېلىنمىغان. چاسا ھويلىلارنىڭ مەركىزى ياكى باشقا ئىمارەتلەرنىڭ ئىچىدە پاكىز ھەم سۈزۈك سۇ كۆلچەكلىرى بار، بۇ گەرچە دىنىي ئامىل بولسىمۇ، لېكىن بىنا - ئىمارەتلەرگە ئۆزگىچە كەيپىيات ۋە تۈس ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.
ھىندىستاندىكى تاج مەھەل مەقبەرىسى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ5 - ئەۋلاد پادىشاھى شاھ جاھان ئۆزىنىڭ كىچىك خانىشى ئۈچۈن مەقبەرە قىلىپ سالدۇرغان. قوشۇمچە خان سارىيى قىلغان، بۇ قۇرۇلۇش1630 - يىلى باشلىنىپ1653 - يىلى پۈتكەن. مەقبەرىنىڭ قورۇسى ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئىچىدە ئىككى ھويلا بار. ئاساسىي ھويلىدىكى چوڭ گۈللۈك ئۆزئارا كېسىشىپ ئۆتكەن ئېرىقلار ئارقىلىق تۆتكە ئايرىلغان، ئېرىقلارنىڭ تۇتاشقان يېرىدە فونتانلىق كۆلچەكلەر بار، ئۇنىڭ ئەتراپى مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەرگە پۈركەلگەن. بۇ ئىمارەت پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان، بىر قىسىم يەرلىرىگە ھەر خىل رەڭدىكى ئۈنچە - مەرۋايىتلار ئورنىتىلغان. پۈتكۈل ئىمارەت بىر چوڭ تەكشىلىككە جايلاشقان. ئىمارەتنىڭ تۆت تەرىپى بىر - بىرىگە سىممېترىك ھالەتتە بولۇپ، ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پارس ئۇسلۇبىدىكى يېرىم گۈمبەز شەكىللىك دەرۋازا ئېچىلغان. تەكشىلىكنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆت دانە ئاق مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئەزان مۇنارى دېيىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىرايلىق سىزىقچىلار چىقىرىلغان يۇپيۇمىلاق، چوڭ گۈمبەز بولۇپ، گۈمبەزنىڭ ئاستى تەرىپىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، ئۇ شاھ تاجسىدىكى نەقىشلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چوڭ گۈمبەزنىڭ ئەتراپىغا يەنە ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تۆت كىچىك گۈمبەز يانداشتۇرۇلۇپ، نەپىس بىر خىل ماس گەۋدە ھاسىل قىلىنغان. مەقبەرىنىڭ ئىچى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن چىرايلىق نەقىشلەنگەن، ئاپئاق مەرمەر تاشلار ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شەكىللەر چىقىرىلغان. مەقبەرە ناھايىتى ئاددى ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۈتكۈل ئىمارەتكە بېرىلگەن رەڭلەر ئېنىق. كۆپكۆك ئاسمان بىلەن ياپيېشىل ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھلار مەقبەرىگە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، ئالدى تەرەپتىكى كۆلچەكتە ئىمارەتنىڭ شولىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، فونتانلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇلار ساياھەتچىلەرگە راھەت بېغىشلايدۇ، بۇ مەنزىرىلەر تاج مەھەل مەقبەرىسىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ، ئۇنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان.