UyghurWiki
UyghurWikiتارىختىكى ئىمپىرىيەلەرپېرسىيە ئىمپېرىيىسى

پېرسىيە ئىمپېرىيىسى

تارىختىكى ئىمپېرىيلەر پېرسىيە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىران ئېگىزلىكىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلان ۋە مىدىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مىدىيە بىلەن بابىلون ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى553 - يىلى ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان پارس ئاقسۆڭەك كۇرۇس Ⅱ ھەرقايسى پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى550 - يىلى كۇرۇس Ⅱ پېرسىيە پادىشاھى بولغان. پېرسىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ۋەھىمىگە سالغان. لۈدىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىگەن، ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يوقىتىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى540 - يىلى پېرسىيە لۈدىيىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى538 - يىلى بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۇرۇس Ⅱ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتقان. ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى529 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئالەمدىن ئۆتكەن. كۇرۇس Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى كامبىس تەختكە چىقىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى525 - يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە قوشۇننى بۆلۈپ غەربتە لىۋىيە، جەنۇبتا نوبىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. غەربىي يولدىكى قوشۇن قۇم بورانغا دۇچ كېلىپ كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى2500 يىلدىن كېيىن مىسىر ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلدى. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. كامبىس يىراقتا ئىستېلا ئۇرۇشى قىلىۋاتقاندا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىستېلا قىلىنغان جايلاردا تۇشمۇتۇشتىن پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، پېرسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. كامبىس ئالدىراپ - تېنەپ دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ سۈرىيىگە كەلگەندە ئۆلگەن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522 - يىلى)، كېيىن كۇرۇسنىڭ كۈيئوغلى دارىئۇس دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرۇپ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، دارىئۇس Ⅰ دەپ ئاتالغان. ئاندىن ئۇ شەخسەن ئۆزى زور قوشۇننى باشلاپ غەربىي ئاسىيادىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دۆلەتلەرنى تىنچىتىپ توققۇز پادىشاھنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىنى پارسچە، ئېلامچە، بابىلونچە ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن بېخستون دېگەن جايدىكى قىياغا ئويدۇرغان. مانا بۇ مەشھۇر «بېخستون ئويما يېزىقى» دۇر. دارىئۇس Ⅰ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مالىمانچىلىقلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى518 - يىلى، دارىئۇس Ⅰ يىراققا يۈرۈش قىلىپ ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يۇنانغا تەھدىت سالغان، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان «يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى» پارتلىغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەنىدى. ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە، شىمالدا كاسپى دېڭىزىغا، جەنۇبتا مىسىرغىچە كېڭەيگەن. يېرىم ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، پېرسىيە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى330 - يىلىغا كەلگەندە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن يەنە بىر ئىمپېرىيە − ماكېدونىيىدىكى ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
← بارلىق تېمىلار تارىختىكى ئىمپىرىيەلەر
پېرسىيە ئىمپېرىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki