رىم ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
رىم جۇمھۇرىيىتى تەخمىنەن بەش ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 - يىلى ئوكتاۋىئان «ئاۋگۇستۇس» (سەلتەنەتلىك، ئۇلۇغ، مۇقەددەس دېگەن مەنىلەردە) دېگەن نامغا ئىگە بولغاندىن تارتىپ رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغۇچە (مىلادىيە476 - يىلى) بولغان دەۋر تارىختا رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرى دەپ ئاتالغان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى29 - يىلى ئوكتاۋىئان ھەربىي كۈچكە تايىنىپ قەدىمكى رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رىم سېنات تەرىپىدىن «بىرىنچى پۇقرا» (يەنى «پرىنسپات»)، «ئاۋگۇستۇس» دېگەن ناملار بېرىلگەن. ئۇ كۆرۈنۈشتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئاشكارا سورۇنلاردا «سېنات ۋە رىم پۇقرالىرىنىڭ ئىرادىسى» گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ بارلىق مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولغان. بۇ خىل جۇمھۇرىيەت تونىغا ئورىلىۋالغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق «پرىنسپات سىياسىيسى» (ئالىي باشلىق سىياسىيسى) دەپ ئاتالغان. ئوكتاۋىئان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 ~284 - يىللار) دەسلەپكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.
ئوكتاۋىئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ئېفرات دەرياسىغا، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، جەنۇبتا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىغا قەدەر كېڭەيگەن، شىمالدا رېين دەرياسى ۋە دوناي دەرياسىنى پاسىل قىلىپ، تەبىئىي چېگرىلارغىچە كېڭىيىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان. ئوكتاۋىئان مىلادىيە14 - يىلى قازا قىلغان. ئۇ رىمغا44 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر ئاۋگۇستۇس دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇ بەرپا قىلغان «پرىنسپات سىياسىيسى» ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنە280 نەچچە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
مىلادىيە3 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى ئۇزاق مەزگىللىك كرىزىسقا پېتىپ قالغان. مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى دىئوكلېتىيان قورال كۈچى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ «پرىنسېپات (پرىنتسېپاتۇس) تۈزۈمى» نى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى «ئىلاھ» بەرگەن دەپ قاراپ، «سېنات ۋە رىم خەلقى» بەرگەنلىكىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغان، ئۆزىنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىغان، رىم ئىمپېرىيىسى شەرقچە مۇستەبىت ئىمپېرىيىگە ئايلانغان، دىئوكلتېئاندىن باشلاپ رىم ئىمپېرىيىسى ئاخىرقى مەزگىلدىكى رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.
دىئوكلېتىيان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى ئۇنىڭ مۇستەبىتلىك سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى كونستانتىندۇر. ئۇ31 يىل (306 ~337 - يىللار) تەختتە ئولتۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىياسىي، ئىقتىساد مەركىزى تەدرىجىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىغا يۆتكەلگەن. كونستانتىن ئەسلىدىكى يۇنان شەھەر دۆلىتى ۋىزانتىيىنىڭ خارابىسىدە بىر يېڭى پايتەخت بىنا قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. بۇ يېڭى شەھەر كېيىن كونستانت نوپول دەپ ئاتالغان، يەنى بۇ ھازىرقى ئىستانبۇل شەھىرىدۇر. كونستانتىن خرىستىئانلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغاچقا ۋە ئۇلارنى قوللىغاچقا، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، «ئىمپېراتور كونستانتىن» دەپ ئاتالغان.
كونستانتىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە يەنە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان،394 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تېئودوس تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، بىراق ئۇ ئاران بىر يىللا تەختتە ئولتۇرۇپ قازا قىلغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىمپېرىيىنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. چوڭ ئوغلى ئاكادى شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئىككىنچى ئوغلى خېلورى غەربىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.395 - يىلى ئىمپېرىيە رەسمىي پارچىلانغان، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى كونستانتىنوپولنى پايتەخت قىلغان، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى رىمنى پايتەخت قىلغان.476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئۆلتۈرۈلۈپ ئىمپېرىيە ھالاك بولغان، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يەنە نۇرغۇن ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى غەربىي ياۋروپا قۇللۇق جەمئىيەت تارىخىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.