UyghurWiki
UyghurWikiتارىختىكى ئىمپىرىيەلەركارولىن ئىمپېرىيىسى

كارولىن ئىمپېرىيىسى

تارىختىكى ئىمپېرىيلەر كارولىن ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك فېئودال ھەربىي ئىمپېرىيە ئىدى. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، گېرمانلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ خارابىسىدە نۇرغۇنلىغان فېئودال پادىشاھلىقلارنى قۇردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى فرانك پادىشاھلىقى ئىدى. بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئاساسچىسى كلوۋې بولۇپ، ئۇ كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا،6 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گاللىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، مېروۋې پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن، پادىشاھلىق تەختى پاكىنەك پېپىننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ كارۇلىن خانىدانلىقىنى قۇرغان. پېپىننىڭ ئوغلى كارول خانلىق تەختكە ئولتۇرغان چاغدا، بۇ دۆلەت زېمىنى غايەت زور كېڭەيگەن چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغانىدى. كارول شۇ سەۋەبتىن كارولىن (كارولىن لاتىن يېزىقىدا «ئۇلۇغ» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. بۇ يېڭى ئىمپېرىيىمۇ كارولىن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. كارولىن (742 ~814 - يىللار) ئىمپېرىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان46 يىل ئىچىدە53 قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان.774 - يىلى ئۇ ئاۋۋال لومباردى پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى يۇتۇۋالدى.778 - ۋە801 - يىلى ئۇ ئىسپانىيىگە ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقاردى. ئۇ يەنە شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ،788 - يىلى دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى باۋارىيىنى بويسۇندۇردى، ئاندىن ئېقىننى بويلاپ ئىلگىرىلەپ ئاۋار خانلىقىنى بويسۇندۇردى. بۇ ئۇرۇش ئىچىدە ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى ئانگلو - ساكسونلار بىلەن بولغان جەڭ ئىدى. بۇ ئۇرۇش772 - يىلىدىن804 - يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،30 نەچچە يىل داۋاملاشقان. بىر قاتار ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئىمپېرىيە زېمىنى پۈتكۈل غەربىي ياۋروپاغا دېگۈدەك كېڭەيدى. ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شىمالدا بالتىق دېڭىزىغا، جەنۇبتا ئىتالىيىنىڭ شىمالى، شەرقتە ئىلبا دەرياسى ۋە دوناي دەرياسىغا، غەربتە ئېبرو دەرياسىغىچە كېڭەيگەن، دەل مۇشۇ مەزگىلدىكى بىر تاسادىپىي ۋەقە كارولىن بىلەن رىم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى.799 - يىلى پاپا لېئو Ⅲ رىمدىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ قاماپ قويۇلغاچقا، كارولىندىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. مىلادىيە800 - يىلى لېئو Ⅲ كارولىننىڭ قوللىشى بىلەن پاپالىق تەختىگە قايتىدىن چىقتى. پاپا كارولىنغا تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇ يىلدىكى روژدېستۋو بايرىمىدا كارولىنغا تاج كىيدۈرۈپ، ئۇنى «رىملىقلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كارولىن قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسىغا ئايلانغان، كارولىن ئىمپېرىيىسىمۇ رەسمىي قۇرۇلغان. كارولىن814 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى، ئوغلى لۇئى پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. لۇئى ئەسلىدىنلا قابىلىيەتسىز بولغاچقا، ئىمپېرىيە كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.840 - يىلى لۇئى ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئىمپېراتورلۇق تەختىنى تالىشىپ ئۆزئارا قىرغىن قىلىپ، ئۇرۇش قوزغىدى.843 - يىلى ئۈچ ئاكا - ئۇكا ۋېردىندا كېلىشىم تۈزۈپ ئىمپېرىيىنى ئۈچكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر قىسىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئىمپېرىيىنىڭ پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئۈچ قىسمى كېيىنكى غەربىي ياۋروپادىكى ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت − فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تېررىتورىيىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار تارىختىكى ئىمپىرىيەلەر
كارولىن ئىمپېرىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki