ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
تۈركلەرنىڭ ئەجدادى جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشايدىغان (كۆك) تۈركلەر ئىدى. ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، دائىم تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىغا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سالاتتى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن غەربكە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەلجۇق تۈركلىرى11 - ئەسىردە روناق تېپىپ، ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى باغدادنى ئىشغال قىلدى، ئارقىدىنلا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، سەلجۇق تۈركلىرى دۆلىتىنى قۇردى. ئۇلار ئەرەبلەر ئىجاد قىلغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلىپە دېگەن نامنى قوبۇل قىلماي، ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبىرىنى «سۇلتان» دەپ ئاتىدى. سەلجۇق تۈركلىرى خانلىقى ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى بىكار قىلمىدى، بىراق ئۇنىڭغا پەقەت دىنىي رەھبەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى.
ئوسمان تۈركلىرىمۇ سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە سەلجۇق تۈركلىرى قۇرغان دۆلەتكە بېقىناتتى.14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بۇ تارمىقى سەردار ئوسماننىڭ رەھبەرلىكىدە بارا - بارا كۈچىيىشكە باشلىدى. مىلادىيە1326 - يىلى ئۇلار ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ برۇسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، برۇسانى پايتەخت قىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇردى. بۇ دۆلەت تارىختىن بۇيان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان قوشنىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتتى.1354 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى داردانىل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقايسى دۆلەت تەشكىللىگەن بىرلەشمە قوشۇننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى.1396 - يىلى رىم پاپاسىنىڭ قوللىشىدا، ۋېنگرىيە پادىشاھى ۋېنگرىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ئىتالىيىنىڭ گېنويە ۋە ۋېنېتسىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى رىتسارلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قوشۇننى باشلاپ، دوناي دەرياسى بويىدىكى نىكوپول قورغىنىدا تۈرك قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى، نەتىجىدە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنى ئېغىر مەغلۇپ بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن بالقان يېرىم ئارىلى ئاساسىي جەھەتتىن تۈركلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پەقەت كونستانتىنوپول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلىرىلا قېلىپ، ئالدى - كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.1453 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىپ (مەنىسى ئىسلام دىنىنىڭ شەھىرى)، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلدى.
ئوسمان تۈركلىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلدى.16 - ئەسىردە ئوسمان تۈركلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىرانغا بېسىپ كىردى، مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. ئوسمان تۈركلىرى غەربتە ياۋروپانىڭ مەركىزىگە تاجاۋۇز قىلىپ، شۇ چاغدا ۋېنگرىيىگە تەۋە بولغان بېلگراد ۋە بۇداپېشتنى ئىشغال قىلدى. قوشۇنلىرى ۋيېناغىچە يېتىپ بېرىپ، زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە تۇتاشقان يەنە بىر چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندى.
مىلادىيە17 - ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرلار ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئۈزلۈكسىز بۆلۈشۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى1922 - يىلى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.