ئەرەب ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
ئەرەب ئىمپېرىيىسى يەنە سالاسىن ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخنامىلىرىدە «ئەرەب» دەپ ئاتىلاتتى. ئادەتتە بۇ ئىمپېرىيە مىلادىيە7 ~13 - ئەسىرلەرگىچە ئەرەبلەر قۇرغان ئىسلام دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدا غايەت زور بىر يېرىم ئارال، يەنى ئەرەب يېرىم ئارىلى بار. قەدىمدىن بۇيان يېرىم ئارالدا سام تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ياشىغان بولۇپ، ئۇلار تارىختا ئەرەبلەر دەپ ئاتالغان. ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئاللانىڭ ئەلچىسى، «پەيغەمبەر» دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئۇزاق يىل ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئاخىر622 - يىلى مەدىنىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان.632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا، ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلگەنىدى.
مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى «خەلىپە» دەپ ئاتالغان. بۇ «ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئاللاغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىدە. خەلىپە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي داھىيىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەرەب دۆلىتىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبىرى ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە، خەلىپە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلەتتى. ئۇمەييە جەمەتىدىكى مۇئاۋىيە خەلىپە بولغاندىن تارتىپ خەلىپىنى سايلاش تۈزۈمى خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلدى ھەمدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ (661 ~750 - يىللار)، سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ مەزگىلدە ئەرەب دۆلىتى «غازات» تۇغىنى كۆتۈرۈپ شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك قىلدى، زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەريا ۋادىسى ۋە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي چېگرىسىغىچە كېڭەيدى، غەربتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنى ئىگىلەپ، جەبىلتارىق بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە بېسىپ كىردى.8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەبلەر ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان، چېگرىسى شەرقتە ھىندىستان ۋە جۇڭگو چېگرىسىغا، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيگەن چوڭ ئىمپېرىيە قۇردى. ئىمپېرىيىنىڭ تېررىتورىيىسى ئەينى زاماندا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى، ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى ۋە رىم ئىمپېرىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.750
- يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمەييە سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى.762
- يىلى ئابباسىيلار پايتەختىنى باغدادقا كۆچۈردى، ئۇزاق ئۆتمەي پارچىلىنىش گىردابىغا چۈشۈپ قالدى.10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇمەييە خان جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىسپانىيىدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شىئە مەزھىپى (ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى) دىكى مۇسۇلمانلار شىمالىي ئافرىقىدا فاتىمىيە سۇلالىسىنى قۇردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھازىرقى تۇنىس، ئالجىرىيە، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ساردىن ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى ھەمدە973 - يىلى پايتەختىنى قاھىرەگە كۆچۈردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئەرەب ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ ئەرەب دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى.
پارچىلانغاندىن كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئاجىزلىشىپ كەتتى.1105 - يىلى سەلجۇق تۈركلىرى باغدادنى ئىشغال قىلىۋالدى، خەلىپە دىنىي داھىي دېگەن نامىنىلا ساقلاپ قالالىدى، ئىمپېرىيىنىڭ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى.1258 - يىلى موڭغۇللار باغدادنى ئىشغال قىلىپ، خەلىپىنى بىكار قىلدى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى.
بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بۈيۈك ئىمپېرىيىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولدى. غايەت زور ئەرەب ئىمپېرىيىسى قەدىمكى دۇنيانىڭ بىرقانچە مەدەنىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ مول مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ماتېماتىكا جەھەتتە، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ10 خانىلىق رەقەملىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنى ياۋروپاغا تارقاتتى، بۇ رەقەم ھەتتا ھازىرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە مۇكەممەل ئالگېبرانى ئىجاد قىلدى. تېبابەتچىلىكتە ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «تېبابەتچىلىك شاھى» دەپ نام ئالدى. ئۇ يازغان «تېبابەتچىلىك قانۇنى» 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ياۋروپادا نوپۇزلۇق ئەسەر ھېسابلانغان. ئەدەبىيات جەھەتتە ئەڭ مەشھۇر ئەسەر «مىڭ بىر كېچە» كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ گۈزەل، تەسىرلىك خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى شۇكى، قەدىمكى دەۋردە جۇڭگو كەشىپ قىلغان قەغەز ياساش تېخنىكىسى، مەتبەئەچىلىك، كومپاس، مىلتىق دورىسى ۋە ئوت چاچارنى ياۋروپاغا تارقاتقان.