UyghurWiki
UyghurWikiتارىختىكى ئىمپىرىيەلەرئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى

ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى

تارىختىكى ئىمپېرىيلەر ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فىلىپ Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى359 -336 - يىللار) دە بىرلىككە كەلگەن ماكېدونىيە پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن ھەمدە تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زومىگىرىگە ئايلانغان. ماكېدونىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئالىكساندىر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى356 −323 - يىللار) فىلىپ Ⅱ نىڭ ئوغلى. ماكىدونىيە پادىشاھلىقى ئالىكساندىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەن بولغاچقا، كىشىلەر بۇ غايەت زور ھەم ئۆمرى قىسقا ئىمپېرىيىنى ئالىكساندىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى336 - يىلى فىلىپ Ⅱ قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن، بۇ چاغدا ماكېدونىيە پۈتكۈل يۇناننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشقا ئاساس سالغانىدى. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇ بىر قابىل ئىزباسار − ئوغلى ئالىكساندىرنى تەربىيىلەپ چىققان. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئالىكساندىر ئاران20 ياشتا بولسىمۇ، بىراق ئىستېداتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن ھەرقانداق بىر پادىشاھتىن قېلىشمايتتى. ئالىكساندىر تەختكە چىققاندىن كېيىن يۇناندىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن شەھەر دۆلەتلىرىنى تېزلىكتە تىنچىتقان، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت − پېرسىيىنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلانغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى333 - يىلى ئالىكساندىر قوشۇن باشلاپ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسىي دېگەن جايدا پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅲ قوماندانلىقىدىكى پېرسىيە قوشۇنى بىلەن زور كۆلەملىك جەڭ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە دارىئۇس Ⅲ سەپنى تاشلاپ قاچقان، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئانىسى ئالىكساندىرغا ئەسىرگە چۈشكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى331 - يىلى) ئالىكساندىر ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى گاۋگامېلدا دارىئۇس Ⅲ بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. پېرسىيە قوشۇنلىرى يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، دارىئۇس Ⅲ ئۆزى يالغۇز قېچىپ چىقىپ، يولدا قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. مۇشۇ مەزگىلدە (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى332 - يىلى) ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، مىسىرنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىل دەرياسى ئېغىزىغا ئۆزىنىڭ نامىدا شەھەر بىنا قىلغان. مانا بۇ مەشھۇر ئالىكساندىرىيە شەھىرىدۇر. بۇ شەھەر ھازىرمۇ مىسىردىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئالىكساندىر پېرسىيىنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى327 - يىلى ئىران ئېگىزلىكىدىن قوشۇن باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. ھىندىستاندىكى پەنجاپتا (بەش دەريادا) زور تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھىندى دەريا ۋادىسىنى ئىستېلا قىلالىغان. گەرچە ئالىكساندىر داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ گانگ دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەسكەرلەر داۋاملىق جاپالىق يۈرۈش قىلىپ جەڭ قىلىشقا ۋە ھىندىستاننىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىغا چىدىيالماي قالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى326 - يىلى ئالىكساندىر قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ بابىلونىيىگە قايتقان. ئالىكساندىر بابىلنى بۇ غايەت زور ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىشنى قارار قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى323 - يىلى ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ياۋروپا زېمىنىنى بويسۇندۇرۇشقا تەييارلانغان. بىراق ئۇ يۈرۈشكە ئاتلىنىش ھارپىسىدا كېسەل بولۇپ قېلىپ33 يېشىدا قازا قىلغان. ئەينى چاغدا ماكىدونىيە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئۈچ قىتئەنى ھالقىغان مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئالىكساندىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىمپېرىيىمۇ چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى146 - يىلىغا كەلگەندە، ماكېدونىيە رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار تارىختىكى ئىمپىرىيەلەر