UyghurWiki
UyghurWikiتارىختىكى ئىمپىرىيەلەرئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى

ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى

تارىختىكى ئىمپېرىيلەر ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ئىمپېرىيىلەرنىڭ بىرى. بۇ ئىمپېرىيە تگر ۋە ئېفرات دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى612 - يىلى يىمىرىلگەن، مەۋجۇت بولغان ۋاقتى100 يىلغا يەتمىگەن. ئاسسۇرىيىلىكلەر ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى ئېگىزلىكتە چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋردە، ئاسسۇرىيىلىكلەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاككاد، سۇمېر، ئامورى، خىتتىت قاتارلىق مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى14 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئەتراپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر (بابىلۇن، خىتتىت) ئارقا - ئارقىدىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقاچقا، ئاسسۇرىيە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ھەربىي توقۇنۇشتا، ئاسسۇرىيە ئۆزىنى پەيدىنپەي بىر غايەت زور ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى9 - ئەسىردىن باشلاپ ئاسسۇرىيىلىكلەر تۆمۈردىن ياسالغان جەڭ قوراللىرىنى زور مىقداردا قويۇشقا باشلاپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرغان، مەنچاناق ۋە سېپىل تەشكۈ قاتارلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان قورال - جابدۇقلارنى كەشىپ قىلغان ھەمدە ھارۋىلىق قوشۇن، ئاتلىق قوشۇن، ئېغىر قوراللانغان پىيادە قوشۇن، يېنىك قوراللانغان پىيادە قوشۇن، شەھەرگە ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇن، قورال - ياراغ توشۇغۇچى قوشۇن قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي ئەسكەر تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەينى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي تۈزۈلمە ۋە قورال - جابدۇقلارغا ئىگە قوشۇننى قۇرۇپ چىققان. تىگىلات پىلېسېر Ⅲ دەۋرى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى746 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى727 - يىللار) دە، ئاسسۇرىيە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ بابىلوننى گۇمران قىلغان، غەربتە سۈرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، مەشھۇر تارىخىي شەھەر دەمەشقنى ئىشغال قىلغان. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى سارگون Ⅱ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى721 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى705 - يىللار)، سېناخېرىب (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى704 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى681 - يىللار) ۋە ئىساخىدېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسرائىلىيە، مىسىرنى يوقىتىپ بابىلوننى قايتا بوسۇندۇرۇپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ھالقىغان غايەت زور ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىققان. ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسى پۈتۈنلەي قانلىق ئىستېلا ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئىستېلا قىلىنغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە قارىتا ۋەھشىيانە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلغان. ئالايلۇق، ئاسسورىيە قوشۇنى دەمەشقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئادەم بېشىدىن كىچىك تاغ ياسىغان، زور تۈركۈمدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالار دەھشەتلىك جازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان پۇقرالار ئاسسۇرىيىلىكلەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى612 - يىلى يېڭى بابىلون ۋە مىدىيە بىرلەشمە قوشۇنى ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى نىنىۋىيىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىنىۋىيىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيە ھالاك بولغان. ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ھەربىي ئىستېلا ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئىنتايىن ئاز ئىدى. لېكىن ئىمپېرىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئاسسۇر بانىپال نىنىۋىيە شەھىرىدە بىر كۇتۇپخانا سالدۇرغان، بۇ كۇتۇپخانىدا22 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىنا مىخ يېزىق ئويۇلغان لاي تاختا ساقلانغان. نىنىۋىيە شەھىرى ۋەيران قىلىنغاندا لاي تاختىلار خارابە ئىچىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ لاي تاختىلار19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن تېپىلىپ، كېيىنكىلەرگە بىر تۈركۈم ئىنتايىن قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.
← بارلىق تېمىلار تارىختىكى ئىمپىرىيەلەر
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki